باش بەت>>ساغلاملىق
بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى - چوڭقۇر خىيال سۈرۈش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 18:09:28

يېقىندا ، ئامىرىكىنىڭ مەشھۇر تىببىي پەن مۇتەخەسىسلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، چوڭقۇر خىيال شۈرۈشنىڭ  سالامەتلىككە پايدىسى بارلىقىنى ، ئەگەر بۇ خىل نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىشلەپ بەرسە ، بەخىتسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . ئامىرىكا ئېرۇ ئونىۋىرسىتىتىنىڭ تىببىي پەن پىرۇقىسسورى ، بۇنى سەيگىر چوڭقۇر خىيال سۈرسە نۇرغۇن كېسەللىكنى داۋالىغىلى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئامىرىكا خارۋارد ئونىۋىرسىتىتىنىڭ دوختۇرى خىبۇتى بىنىستمۇ نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش كېسەللىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ، ئۇ بەدەننىڭ جىددىيلىك ھالىتىنى تارقىتىدۇ ، دەپ قارىغان .

روھىي جىددىيلىك ئىممۇنىت سىستىمىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، قان بېسىمىنى يوقىرى بولۇش ۋە يۈرەك رېتىمى نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئىممۇنىت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى بولسا ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ مەنبەسى .

سەيگىر دوختۇر مۇنداق دەيدۇ :چوڭقۇر خىيال سۈرۈش ئىرادە ۋە روھىي جەھەتتىكى كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ جەريانى . كېسەللەر نېرۋىنىڭ تىنىچلىنىشى ئارقىلىق پاسسىپلىقتىن ئاكتىپلىققا ئۆزگىرىپ ، كېسەللىكنى يېڭىشتەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ . بۇ خىل مىساللار كېلىنكىدا كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ ، يېڭىلىق ئەمەس .نۇرغۇن  خاتىرىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئىرادە كۈچىدىن پايدىلىنىپ راك كېسەللىكىنى بويسۇندۇرغىلى ، جاننى ئالىدىغان يۈرەك كېسەللىكىگە ئوخشاش جاھىل كېسەللىكلەرنى بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ .

گوللاندىيىنىڭ بىر تىببىي پەن تەتقىقات تۈرىدىن ئىسپاتلاندىكى ،چوڭقۇر خىيال سۈرىدىغانلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى باشقا كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاز بولىدىكەن .ھاياتقا تەھدىت بولىدىغان ئېغىر كېسەل بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ ، 87% ئاز بولىدىكەن . 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق