باش بەت>>ساغلاملىق
چاينىڭ تۇرمۇشتىكى 25خىل ئەپلىك ئىشلىتىلىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 19:12:00

1.كالا گۈشىنى سۇدا پۇشۇرغان چاغدا ھەرخىل تەم تەڭشىگۈچلەرنى سالغاندىن سىرت داكىغا ئازراق چاينى يۆگەپ سېلىۋەتسەك كالا گۆشى تېز ھەم تەملىك پىشىدۇ.

2.كۈچلۈك مۇچنى يەۋالغان ئەھۋال ئاستىدا ، پاكىز سۇ بىلەن ئېغىزىڭىزنى چايقىۋېتىپ ، ئازراق چاي ئىچىۋەتسىڭىز بىئاراملىقنى يوقايدۇ .

3.چاينىڭ قالدۇق شامىسى بىلەن تۇخۇم پۇشۇرسىڭىز تۇخۇم تەملىك ھەم يېيىشلىك پىشىدۇ .

4.سۇڭپىياز، سامساق يېگەندىن كېيىن بىرنەچچە تال چاي يوپۇرمىقىنى ئاغزىڭىزغا سېلىپ چاينىسىڭىز غەلىتە پۇراق يوقايدۇ .

5.گۆشنى %5 لىك قويۇقلۇقتىكى چايغا سېلىپ 15 مىنوت تۇرغۇزغاندىن كېيىن سوغۇق ساقلىسىڭىز گۆش يېڭى پېتى تۇرۇپلا قالماي سۈپىتى بۇزۇلمايدۇ.

6.چاي ئىچىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش .تاماكا چىكىش ئارقىلىق ئۆزىنى روھلاندۇرىدىغان ئادەملەر  ، چاي ئىچىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاشنى سىناپ باقسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ ۋۇلوڭ چېيى.

7.تېلىۋىزور كۆرىۋاتقاندا بىر ئىستاكان چاي ئىچىۋالسىڭىز تېلىۋىزوردىن تارقالغان رادىئاتسىيىنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلىگىلى بولىدۇ . چاي يەنە راك ۋېرۇسلىرىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

8.قاچىلاردىكى بېلىق پۇرىقىنى چىقىرىشتا چاي قالدۇقىنى سېلىپ  نەچچە مىنوت قايناتساق پۇراق ئۆزلىگىدىن يوقايدۇ .

9.قازاندىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتىشتا چاي قالدۇقى بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سوغۇق سۇ بىلەن چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ.

10.ئازراق چاينى قايناق سۇ بىلەن دەملەپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ 20مىنوتتىن كېيىن ئىچسەك ، چەينەكتىكى چاينىڭ ئىشقارلىقى تۆۋەنلەپ بىرنەچچە قېتىم ئۇدا دەملەپ ئىچسەكمۇ تەمى چىقىدۇ.

11.يېڭى تۇخۇمنى چاي قالدۇقلىرىغا كۆمۈپ سالقىن جايدا ساقلاپ قويساق ئىككى ، ئۈچ ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ.

12.قۇرۇتىلغان چاي قالدۇقىنى نىلون پايپاق ئىچىگە سېلىپ ئاياقنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويساق ، سېسىق پۇراقنى يوقۇتىدۇ.

13.50گىرام گۈل چېيىنى داكىغا ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغاندا غەلىتە پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن چاي يوپۇرمىقىنى ئېچىقىپ كۈنگە قاقلاپ قۇرۇتۇپ يەنە تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

14.ئاشخانا ئەسۋاپلىرىغا ماي يۇقۇپ قالغاندا نەم چاي شامىسى بىلەن بىرنەچچە قېتىم سۈرتىۋەتسەك ماي قالدۇقى يوقىلىدۇ .

15.سىرلانغان ئىشىك دەرىزە ، ئائىلە سايمانلىرى ۋە ياكى ئەينەك دەرىزىلەرگە چاڭ–توزان يۇقۇپ قالغاندا سوغۇق چاي بىلەن سۈرتىۋەتسەك پاقىرايدۇ.

16.چاي شامىسى بىلەن ئەينەك ، ئىشىك – دەرىزە، خۇرۇم ئاياقتىكى لايلارنى تازلىغىلى بولىدۇ.

17.قېنىق رەڭلىك كىيىملەردىكى ماي دېغىنى چاي شامىسى بىلەن ئۇگۇلاپ بەرسەك داغ يوقايدۇ .

18.يىڭى سېتىۋالغان ياغاچ ئۆي سايمانلىرىدا ئادەتتە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان سىر پۇرىقى چىقىدۇ ، بولسا چاي بىلەن بىرنەچچە قېتىم سۈرتىۋەتسەك غەلىتە پۇراق ئۆزلىكىدىن يوقاپ تازلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

19.يېڭى كىيىم ۋە يېڭى رەخت ماتىرياللىرىدا دېماقنى ئېچىشتۇرىدىغان بوياق ماتىرياللارنىڭ پۇرىقى بولسا ، چاي يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ كۈلى بىلەن ئۇ پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

20.رەڭگى ئوچۇق كىيىملەر ئۆڭۈپ كەتسە چاي بىلەن يۇيساق ئەسلىدىكى رەڭگىگە قايتىدۇ.

21.ئازراق چاينى دەملەپ مامۇق كىيىملەرنى يۇيساق كىرنى چىقىرىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى رەڭگىنى ساقلاپ قالىدۇ .

22.چاي شامىسنى قۇرۇتۇپ قاپقا قاچىلاپ ياستۇق قىلسا ئۇخلىغان چىغدا راھەت ھېس قىلىسىز.

23.چاي قالدۇقىنى ھاجەتخانا ۋە ياكى ھاۋاسى ياخشى بولمىغان جايلاردا كۆيدۈرسەك سېسىق پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

24.چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ يازلىقى كەچتە كۆيدۈرسەك پاشا ، كۈمۈتىلەرنى قوغلايدۇ ،ئادەم تېنىگە زىيانسىز.

25.چاي شامىسنى گۈل تەشتىكىگە تۆكۈپ قويساق سۇ مىقدارىنى ساقلاش بىلەن بىرگە تۇپراقنى ئوغۇتلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق