باش بەت>>ساغلاملىق
قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى:ئىز تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 16:07:07

1 . ياستۇقنى بەك ئىگىز قۇيۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك . قېنىدا ماي ماددىسى كۆپ كىشىلەرنىڭ قان ئايلىنىشى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن ئاستا بۇلىدۇ ، ئۇخلىغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ئاستا بۇلىدۇ . ياستۇقنى بەك ئىگىز قۇيۇپ ئۇخلىغاندا، قان ئايلىنىپ باش قىسمىغا كەلگەندە ھەددىدىن زىيادە ئاستىلاپ ، ئاسانلا قان ئازلىقتىن بۇلىدىغان مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ .

2. كەچلىك تاماقنى بەك كۆپ يىمەسلىك كېرەك . دىققەت قىلىنمىسا ، ئاشقازان ، ئۈچەينىڭ لۆمىلدىشى كۈچىيىپ كېتىپ ، قان ئايلىنىش باش قىسمىدا تىزلىشىپ يۈرەكتە ئاستىلاپ كىتىدىغان نورمالسىز ھالەت پەيدا بۇلىدۇ . بۇنىڭدا تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى پەيدا بۇلۇشنىڭ خەۋپى كۆپ بۇلىدۇ .

3 . ياشانغانلار قىشتا يوتقاننى بەك قېلىن يېپىنىپ ئۇخلىماسلىقى كېرەك . مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، قېلىن يوتقاننىڭ بەدەننى بېسىشى نورمال نەپەس ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن ، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ ، ناھايىتى ئاسانلا مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ، مېڭە تۇمۇرلىرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

4 . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ دورىسى بىلەن قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسىنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك . چۈنكى بۇدورىلار ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى قان ئايلىنىشنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاستىلىتىۋېتىپ ، دەۋرىيلىك نورماللىقنى بۇزىدۇ .

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق