باش بەت>>ساغلاملىق
ئۆزىنى كەمسىتىش كېسەللىكى
مەنبەسى:ئىز تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 15:40:23

رېئال تۇرمۇشتا ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ، ھاكاۋۇر ، كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ ، كۆزگە ئىلمايدۇ .ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقنىڭ كۆپىنچە نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . ھاكاۋۇرلۇق ئادەتتە ئاسان بايقىلىپ قالىدۇ ھەمدە دەل ۋاقتىدا تەنقىدلىنىپ ، تۈزىتىلىپ تۇرىدۇ . ئەمما كىشىلەر يۇقارقىلارنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان يەنە بىر پىسخىك مەسلە – ئۆزىنى كەمسىتىشكە سەل قارايدۇ .

پىسخولوگىيىدە ، ئۆزىنى كەمسىتىش ( كەمسىنىش ) بىرخىل ئۆزلۈك ئېڭىدىكى كۈمتۈكلۈك شۇنداقلا بىرخىل ناچار خارەكتىر ھېسابلىنىدۇ . ئۆزىنى كەمسىتىش ئادەتتە ئوبيكىتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ياكى ئۆزى شۇنداق دەپ قارىغان مەلۇم يېتەرسىزلىك ياكى كۈمتۈكلۈك تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە پەزىلىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدىغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىززا تارتىش ، بىئارام بولۇش ، ئىچى تىتىلداش ، قايغۇرۇش ، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارمۇ تەڭ كۆرۈلدىغان بىرخىل ناچار كەيپىياتتىن ئىبارەت . ئۆزىنى كەمسىتىدىغان كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەردىن نومۇس ھېس قىلىدۇ ، بىئارام بولىدۇ . ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، خىزمەتتە ئۆزىنى چۈشەپ قويۇپ ، ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ . كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ، كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ . باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۇشۇنىۋىلىپ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن قۇرقىدۇ . بەزى ئۆزىنى كەمسۇتكۇچىلەر مۇشۇ سەۋەپتىن يالغۇز يۈرىدۇ . ئۆزىنى تار قەپەزنىڭ ئىچىگە سولىۋالىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ . يەنى بەزى ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەرنىڭ غورۇرى بەك كۈچلۇك ، كۆڭلى زىيادە نازۇك بولۇپ ، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا كۆڭلى ئاسانلا ئازار يەيدۇ . ئادەمگە ئارلاشماق تەستەك تەسىر بىرىدۇ . ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزىنى كەمسىتىش كەيپىياتى ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . يەنى پىسخىكا بىلەن فىزىئولوگىيىنىڭ ئۆز ئارا رول ئوينىشى تۇپەيلىدىن ئۆزىنى كەمسىتكۇچىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدا ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلۇپ ، بەزى جىسمانىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ .

ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۇرىدىغان ئامىللار كۆپ خىل . يەنى جىسمانىي ئامىللارمۇ ، پىسخىك ئامىللارمۇ ، ئائىلە ، مەكتەپ تەربىيەسى ئامىللىرىمۇ ۋە ئىجتىمائىي ئامىل مۇھىت ئامىللىرىمۇ بار بولۇپ ، بۇلارنى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن چۈشەندۇرۇشكە بولىدۇ :

بىرىنجى : ئۆزىنى توغرا تونۇماسلىقتىن پەيدا بولغان نېگىزلىك ئامىل . ئۆزىنى كەمسىتكۇچىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئوبيكىتىپ ، ئومۇمىيۇزلۇك باھالىيالمايدۇ ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە مەغلۇبىيىتىنىلا كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە مۇۋەپپىقىيىتىگە سال قارايدۇ . بەزى تەرەپلەردە باشقىلارغا يەتمىسىلا ، ئۆزىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ . ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى قىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ تېخىمۇ ياخشى قىلالمىدىم دەپ خىجالەت بولىدۇ . ئۆزىگە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قۇيىدۇ .( ئەۋلىيا ) ، ( مۇكەممەل ئادەم ) ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىنى باھالايدۇ . ھەرقانداق تەرەپلەردە كۈم –كۈتسىز بولۇشنى ئويلايدۇ . بۇنداق زىيادە يۇقىرى تەلەپكە ھىچكىم يېتەلمەيدۇ . رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس .

ئىككىنجى : مەغلۇپ بولۇش ۋە ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراش بولسا ئۆزىنى كەمسىتىشنى پەيدا قىلدىغان يەنە بىر ئامىل . رېئال تۇرمۇشتا ، كىشىلەر چوڭ – كېچىك مەغلۇبىيەت ۋە ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەغلۇبىيەتتىن كېيىن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە قابىلىيىتىگە قارىتا پاسسىپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ – دە ، ئۆزىنى كەمسىتىش پەيدا بولىدۇ . ئەگەر بىر ئادەم داۋاملىق تۇردە ئۇڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋەرسە ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ كىتىدۇ . ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىمۇ كۈنسىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ .

ئۈچىنجى : شەخىسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بولسا ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر . ئائىلە باشلىقى پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش جەريانىدا ، رىغبەتلەندۇرۇش ۋە ماختاشقا ماھىر بولمىسا،  خالىغانچە ئەيىبلىسە ۋە تىللىسا ، بالىنىڭ غورۇرى زىيانغا ئۇچرايدۇ . ئۆسۇپ يىتىلىش جەريانىدا ئائىلە شارائىتى ، تەربىيلىنىش دەرىجىسى ، ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا تەدىرىجىي ھالدا ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ .

تۆتىنچىسى : جىسمانىي جەھەتتە كەمتۈكلۈك ۋە ئەيىبلەر ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل . ھەممىلا ئادەم چىرايلىق ، بېجىرىم ، ھەممە ئازاسى ساق تۇغۇلۇپ كەتمەيدۇ . بەزى ئادەملەر تۇغۇلىشىدىنلا چىرايلىق ، بىجىرىم بولىدۇ ، بەزى ئادەملەر كۆرۇمسىز ياكى مېيىپ تۇغۇلۇپ قالىدۇ . يەنە بەزى كىشىلەر بولسا تۈرلۈك ھادىسىلەر تۇپەيلىدىن مېيىپ ياكى كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ . مەيلى قانداق سەۋەبلەر كەلتۇرۇپ چىقارغان جىسمانىي ئەيىبلەر بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، بۇنىڭغا شەخىسنىڭ ئامالى يوق . ھېچكىم قانداق تۇغۇلۇشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ . دۇنيادا ھېچقانداق جىسمانىي ئەيىب يوق ئادەملەر يوق دېيەرلىك . شۇڭا ئۆزىدىكى جىسمانىي ئەيىبلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالمىغان كىشىلەردە ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش چىرايلىق ، بېجىرىم بولمىغانلىقىدىن ئازابلىنىدۇ . باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇگىنىشى ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ .

ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى تۇرمۇشقا رۇشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۆزىنى كەمسىتكۇچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى يېڭىش ئۈچۈن :

بىرىنجىدىن : ئۆزىنى توغرا تونۇش ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ، يەنى ئۆزىنى يېتەرسىزلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى لىللا تونۇش ، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەشنى قۇلغا كەلتۈرۈش،  ئۆزىنى ئومۇمىيۇزلۇك ۋە ئوبيكتىپ باھالاش ئاساسىدا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۇرۇپ ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى يېڭىش كېرەك .

ئىككىنجىدىن : ئۆزىنى رىغبەتلەندۇرۇشنى ئۇگىنىۋىلىش ، تۇرمۇشتا ئۆزىگە ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇپ ، نىشاننى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىنكى غەلبە خۇشاللىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تونۇش ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز – ئۆزىنى ماختاپ تۇرۇشنى ، بەزلەشنى ئۇگىنىۋىلىش لازىم .

ئۈچىنجىدىن : ئۆزىنى كەمسىتكۇچىلەر باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك . چۈنكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقىلارنىڭمۇ كەمچىللىكى بارلىىقىنى بايقاش بىلەن بىرگە ، باشقىلارنىڭ بەزى جەھەتلەردە ئۆزىگە مەسلىكى كېلىدىغانلىقىنى ، زۇقلىندىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ ئوبيكتىپ باھالىغىلى ھەمدە مۇناسىۋەت جەريانىدا ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىپ ، ئۈمىدۋار ، ئوچۇق – يۇرۇق ياشىغىلى بولىدۇ .

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق