ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسى ھامىلىنىڭ كۆرۈش سېزىمىغا پايدىلىق!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:19

يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسى ئۇسۇلىدا قول چىراغنىڭ ئاجىز نۇرى يورۇقلۇق مەنبەسى قىلىنىپ، ھامىلىگە قارىتا غىدىقلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ھامىلىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارى مەشىقلەندۈرۈلۈپ، ھامىلىنىڭ كېچە-كۈندۈزنىڭ دەۋرىيلىك رىتىمىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ. يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسى ئۇسۇلى ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىقنىڭ 24 ھەپتىسىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى كېرەك. بۇ ئۇسۇلدا بىر قول چىراغ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلە يورۇقلۇققا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ. ھامىلە تەربىيەسىدە چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، كۈچلۈك نۇرنىڭ ھامىلىنىڭ كۆرۈش نېرۋىسىنى زەخىملەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر قېتىملىق يورۇتۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، ھامىلىنىڭ كۆزى بەك چارچاپ كەتمەسلىكى كېرەك.



ھامىلىدار بولۇپ 7-ئېيىدا، ھامىلىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى نۇر سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، نۇرغا قارىتا ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 8- ئېيىدا ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق قىسمىنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۈز سىزىقلىق نۇر بىلەن يورۇتقاندا، ھامىلىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، يۇمۇشىنى، كۆزىنىڭ نۇرغا بولغان سېزىمچانلىق ئىنكاسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ھامىلىنىڭ يۈزىنى باشقا ياققا بۇراپ، نۇردىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغانلىقىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 9-ئېيىدا، ھامىلىنىڭ كۆزىنىڭ يېتىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ بولىدۇ، يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. بۇ خىل ھامىلە تەربىيەسى ھامىلىنىڭ نۇر سېزىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھامىلىگە كېچە-كۈندۈزلۈك رىتىمىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۇنى كۈندۈزى ئويغىنىپ، كېچىسى ئۇخلايدىغان تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدا كۈن چىققاندا ئويغىنىدىغان، كۈن پاتقاندا ئارام ئالىدىغان ئارام ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى، شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈش سېزىمىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بۇ ھامىلىنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش، خىزمەتتىكى كۆز ئىشلىتىش ۋە كۆزنى ئاسرىشىغا بىرقەدەر ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە چوڭ مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى، كۆرۈش سېزىمى نېرۋىسى بىلەن چوڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ باغلىنىشى بولۇپ، كۆرۈش سېزىمى نېرۋىسى چوڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى ئۇزىرىشىدىن ئىبارەت.



يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسىدە چوقۇم ئىلمىيلىكنى ئىگىلەپ، كۈچلۈك نۇرنىڭ ھامىلىنىڭ كۆرۈش نېرۋىسىنى زەخىملەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، يورۇتۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، ھامىلىنىڭ كۆزى بەك چارچاپ كەتمەسلىكى كېرەك. كونكرېت مەشغۇلات تەلىپى مۇنداق: ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئانىسى ياكى دادىسىنىڭ قولى بىلەن ھامىلىنىڭ باش قىسمىنى سىيلاپ، ئاندىن تۆت دانە 1- نومۇرلۇق باتارېيە سېلىنغان قول چىرىقىنىڭ غۇۋا نۇرىنى قورساق دىۋارىغا تەگكۈزۈپ، بىر ياندۇرۇپ، بىر ئۆچۈرۈپ، ھەر قېتىمدا تەخمىنەن بەش مىنۇت داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى-ئۈچ قېتىم يورۇتسىلا بولىدۇ. يورۇتقاندا، ئەگەر ھامىلە بېشىنى بۇرىسا، ئۇنىڭ قاراڭغۇ قورساق قىسمىغا چۈشكەن نۇرنى كۆرگەنلىكىنى، كۆرۈش سېزىمىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.



ھامىلىنىڭ كۆزىگە نۇر چۈشسە، ھامىلىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارى ۋە چوڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھامىلىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىدە ياخشى رول ئوينايدۇ. شۇڭا يورۇقلۇق ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل ھامىلە تەربىيەسى ھامىلە تەربىيەسىدىكى بىر خىل ئۇسۇلغا ئايلانغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسى ھامىلىنىڭ كۆرۈش سېزىمىغا پايدىلىق!

يورۇقلۇق ھامىلە تەربىيەسى ئۇسۇلىدا قول چىراغنىڭ ئاجىز نۇرى يورۇقلۇق مەنبەسى قىلىنىپ، ھامىلىگە قارىتا غىدىقلاش ئېلىپ بېرىلىپ، ھامىلىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارى مەشىقلەندۈرۈلۈپ، ھامىلىنىڭ كېچە-كۈندۈزنىڭ دەۋرىيلىك رىتىمىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ.