ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كونا ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەڭشەڭ، ئۈنۈمى ياخشى!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 10:25

كونا ئاشقازان كېسىلىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ ئەگەر سىز بۇ تۆت خىل ئېسىل يېمەكلىكنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، ئاشقازاندىكى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ كۆپىيىشى تورمۇزلىنىپ، ئاشقازان كېسىلى سىز بىلەن خوشلاشمايلا كېتىپ قالىدۇ.

1. مايمۇنباش موگۇ: ھەممە ئېتىراپ قىلغان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان، ئاشقازاننى ئاسرايدىغان يېمەكلىك، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، باكتېرىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

‎2. كاپۇستا: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سىيانىدىن بار بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىپ، ئۈچەي يولىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

‎3. پىچەكگۈل: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، مىجەزنى تەڭشەپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، ئاشقازانغا يىغىلىپ قالغان توكسىن ۋە ئەخلەتلەرنى ھەيدەپ، ئاشقازان كېسەللىكىنى سىزدىن يىراق قىلىدۇ.

‎4. كاۋا: زىيانغا ئۇچرىغان ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، زەھەر ۋە ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有