ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇت چىلاش كۈتۈنۈشمۇ ياكى ئاستا خاراكتېرلىك زىيانكەشلىكمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-17 11:02

نۇرغۇن كىشىلەر پۇتنى كۈندە ئىسسىق سۇغا چىلاپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىززىقىدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشقا نۇرغۇن كۈتۈنۈش بىلىملىرى مۇجەسسەملەنگەن.

بىز پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. پۇتتا نۇرغۇن پەللىلەر بار، پۇت بىزنىڭ ئىككىنچى يۈرىكىمىز.



ھەر كۈنى ئىسسىق سۇغا پۇت چىلاش كۈتۈنۈشتىكى خېلى يامان ئەمەس بىر خىل ئۇسۇل دەپ قارىلىدۇ. لېكىن پۇتنى چىلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى نۇقتىلار بار، مەسىلەن ئىسسىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى قانچە گىرادۇس بولۇشى كېرەك؟ ھەر كۈنى پۇتنى چىلايدىغان ۋاقىت قانچىلىك بولۇشى كېرەك؟ پۇتنى چىلاپ بولغاندىن كېيىن پۇتنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ئامىللار پۇت چىلاشنىڭ بەدىنىمىزگە بولغان تەسىرىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

ئۇنداقتا قانداق شارائىتتا پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىسا، بەدەنگە نىسبەتەن ئاستا خاراكتېرلىك زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ؟

1. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 48 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىش

بىز ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلالايدىغان تېمپېراتۇرانىڭ °30 ~ 43° بولسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر بىز پۇتىمىزنى سۇغا چىلىغاندا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، تېرىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى زەخىملەندۈرىدۇ. پۇتىمىزدىكى پەللىلەر بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارغا تۇتىشىدۇ، ئەگەر سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، باشقا ئەزالارغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن دوستلار پۇتىنى چىلىغاندىن كېيىن، مەيدىسى سىقىلىش، بېلى ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.



2. پۇتنى چىلاش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كېتىش

ئادەتتە پۇت چىلاش ۋاقتى 30 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىنسا ئەڭ ياخشى. ئەگەر پۇتنى چىلايدىغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، بەدىنىمىزگە بىز ئويلاپ باقمىغان بىر قىسىم زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بەدىنىمىز تېخىمۇ چارچاپ، ئۇيقۇمىزغا تەسىر يېتىدۇ.



بىز ئادەتتە پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاشتا، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىشنى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ياخشى ئارام ئېلىشنى، تېخىمۇ تاتلىق ئۇخلاشنى مەقسەت قىلىمىز. بەزىلەر پۇتىنى چىلىغاندا، سۈيدۈك قىستىغاندەك ھېس قىلىدۇ. دېمەك، بۆرەكنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسىغا نىسبەتەن بەلگىلىك ئىنكاسى بار. توغرا ئۇسۇلدا پۇت چىلاپ بەرگەندە، ئۇيقۇ سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، بەدەننىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يەنىلا بىر قەدەر ياخشى بولغان كۈتۈنۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇت چىلاش كۈتۈنۈشمۇ ياكى ئاستا خاراكتېرلىك زىيانكەشلىكمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر پۇتنى كۈندە ئىسسىق سۇغا چىلاپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىززىقىدۇ،