ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-30 10:45

پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نۇرغۇن ئائىلىلەر مول ماددىي ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىشىنى ئويلىشىدۇ. ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئىلگىرىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار ۋە ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كونترول قىلىپ، بۇلارنىڭ بالىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىدۇ.



ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر ساغلام بوۋىقىڭىز بولۇشىنى خالىسىڭىز، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ.

1. دائىم بېلىنى ئېگىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلماسلىق كېرەك.

ھامىلىدار ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دائىم بېلىنى ئېگىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدا ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەجىمى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئەتراپىدا، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ پولتىيىپ چىقىشى ناھايىتى روشەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ھامىلىدار ئانا دائىم بېلىنى ئېگىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، پۇت-قول غەيرىيلىكى ياكى ھامىلە ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا بالدۇر تۇغۇپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئېڭىشىپ تازىلىق قىلىش جەريانىدا، ھامىلىدار ئانا يەر يۈزىدىكى چاڭ-توزانلارنى سۈمۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ ماددىلار ھامىلىدار ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ئاياللار دائىم ئىڭىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك.



2. كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك.

نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. بۇ بىر خىل ئىنتايىن ناچار ئەھۋال بولۇپ، ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تېنىدىكى ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ سەۋىيەسى ۋە باشقا ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيەسى ئۆرلەپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كەيپىياتىدىكى داۋالغۇشنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار بىرەر مەسىلىگە ياكى كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلىنىپ، بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ناچار كەيپىياتلار شەكىلسىز ھالدا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھامىلە ھامىلىدار ئانا بىلەن مەلۇم دەرىجىدە قەلىبداش بولىدۇ، ھامىلىدار ئانىنىڭ ناچار كەيپىياتى بالىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، ئاسانلا بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.



3. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماققا چەك قويماسلىق كېرەك.

نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىلا بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلايدۇ. كۆپ ساندىكى ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماققا چەك قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن خاتا، ھامىلىدارلىق مەزگىلى دەل ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدىن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشكە كاپالەتلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئانا يېمەكلىككە چەك قويغاندا، بەدەن مول ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ھامىلىدار ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، يېنىك بولغاندا بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى ۋە بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېمەكلىككە چەك قويۇش ئىنتايىن خاتا ئۇسۇلدۇر. ھامىلىدارلار ساغلام بوۋاقنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ نۇقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ

پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.