ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

45 ياشتىن كېيىن بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇرسىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولىسىز

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 08:36

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلاملىقنى ھەربىر ئادەم قوغلىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ« نىشانى»، لېكىن بەدىنىمىزنىڭ قېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ 45 ياشتىن كېيىن، قېرىش ھادىسىسى بارغانسېرى روشەنلىشىدۇ. ساغلام بولۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

45 ياشتىن كېيىن، ئالتە خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇرۇش سىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

1. تۇزلۇق يېمەكلىكلەر

يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بۆرەك ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ 45 ياشتىن كېيىن، بەدەننىڭ ھەر خىل ئىقتىدارى تەدرىجىي ناچارلىشىپ، سەكتە ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىققا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزراق بولۇپ، تەركىبىدە تۇز كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.



2. يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر

تۇزنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بۆرەك ۋە يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ 45 ياشتىن كېيىن بەدەننىڭ ھەر خىل ئىقتىدارى تەدرىجىي چېكىنىپ، سەكتە ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، سالامەتلىككە ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، دائىم تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

3. يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر

50 ياشتىن كېيىن، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ئاستىلايدۇ. قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا دىيابېت كېسىلى، قاندىكى ماي ئۆرلەپ كېتىش، سېمىزلىك، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىنېرال ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزىدۇ.



4. ھايۋانات ئەزالىرى

نۇرغۇن ياشانغانلار ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق قان تولۇقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى ماينى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئاسانلا ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش ۋە دىيابېت كېسىلى بار ياشانغانلار بەك كۆپ يېسە بولمايدۇ.

5. مۇزلىتىلغان يېمەكلىكلەر

45 ياشتىن كېيىن، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى چېكىنىپ، زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، دائىم سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ بەرسە، بەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ، ئاسانلا ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ياكى يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياشانغانلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا ئامال بار ساقلىنىش كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، 45 ياشتىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى مېۋە-چېۋە، كۆكتات ۋە قارا ئاشلىقنى ئاساس قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشى ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر ھەپتىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.



6. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر

كونسېرۋالىق گۆش، باكون قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىششىقلانغان يېمەكلىك بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا تەۋە، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر تۇزلىغاندىن كېيىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ۋە ئىسلاش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بۇ خىل يېمەكلىكلەردىن 50 گىرامنى يېگەنلەرنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاسانلا بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن. ئادەتتە پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، يېڭى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك سېتىۋېلىپ تاماق ئېتىش ئەڭ ساغلام ئىش.

كىشىلەر ساغلام بولۇشنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئويلايدۇ، بۇ ياخشى ئىش، لېكىن بەزى كىشىلەر يەنىلا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش ئارقىلىق، ھەتتا دورا ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ، ھەرقانچە كۆپ يېسىمۇ بىكار بولىدۇ!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

45 ياشتىن كېيىن بۇ ئالتە خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇرسىڭىز تېخىمۇ ساغلام بولىسىز

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە ساغلاملىقنى ھەربىر ئادەم قوغلىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ« نىشانى»