ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەھۋەنى كۆپ ئىچسە جىگەر كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 08:41

جىگەر كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق قاتىللارنىڭ بىرى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم جىگەر قېتىش كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، تەخمىنەن 740 مىڭ ئادەم جىگەر قېتىشىشتىن كېلىپ چىققان جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ سان ھەر يىلى ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانىنىڭ % 3.5تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە داۋالاش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا قارىتا ۋاكسىنا ئەملەش ۋە كۆپ خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.



يېقىندا، ئاۋسترالىيە مېلبۇرن داشۆسى ۋە ساينىت ۋىنسېنت دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئارقىلىق، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەھۋە ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ، پۈتۈن يەر شارىدىكى جىگەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچسە، ئۇنداقتا جىگەر راكى سەۋەبىدىن قازا قىلىش سانى ئاز دېگەندە 100 مىڭ ئادەم ئازىيىدىغانلىقىنى بايقىغان.



بۇ تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار يەر شارى خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (GBD) سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا 2016-يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى جىگەرگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان 15 ياشتىن يۇقىرى قازا قىلغۇچىلار ئومۇمىي سانىنى ئىستاتىستىكا قىلغان ھەمدە خەلقئارا قەھۋە تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارا سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق قەھۋە ئىستېمال مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلغان. ئاندىن بۇ ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنى مودېللاشتۇرۇپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەھۋە قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ، پۈتۈن يەر شارىدىكى جىگەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتىگە بولغان يوشۇرۇن تەسىرىنى تەخمىنىي ھېسابلاپ چىققان.



ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا 2016-يىلى 15 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپى ئىچىدە تەخمىنەن بىر مىليون 240 مىڭ ئادەم جىگەرگە مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن قازا قىلغان. قەھۋە ئىستېمال مىقدارى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن مودېلدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر پۈتۈن يەر شارىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەھۋە ئىستېمال مىقدارى ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن ئاشقاندا، 15 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىدا جىگەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئاز دېگەندىمۇ 715 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، تەخمىنەن %42 كىشىنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىنىدىكەن.



مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەگەر بارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەھۋە ئىستېمال مىقدارى كۈنىگە تۆت ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيادىكى قازا قىلغۇچىلار ئومۇمىي سانى ئاز دېگەندىمۇ 400 مىڭى تۆۋەنلەيدىكەن، شۇنداقلا جىگەرگە مۇناسىۋەتلىك قازا قىلغۇچىلار سانىنى %67 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر قەھۋەنىڭ جىگەردىكى بىيوخىمىيەلىك تەركىبلەرنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ھەمدە جىگەر قېتىشنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىنى تەدرىجىي بايقىدى. 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 2-3 ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە، جىگەر قېتىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى %38 تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ كېسەللىك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى %46 تۆۋەنلەيدىكەن، ھەر كۈنى تۆت ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە ياكى تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، جىگەر قېتىشنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى %41 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، قازا قىلغۇچىلار سانىنى %71 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.



قىسقىسى، بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىشكە ئومۇميۈزلۈك ئىلھام بېرىلىپ، جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئازايتىلسا، ھەر يىلى تەخمىنەن بىر مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ قەھۋە ئىستېمال مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن شۇنداقلا يوشۇرۇن جىگەر كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ياۋروپادىن باشقا رايونلاردا بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەھۋەنى كۆپ ئىچسە جىگەر كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

جىگەر كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق قاتىللارنىڭ بىرى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم جىگەر قېتىش كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن،