ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساغلام سۇ ئىچىش ساۋاتلىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-03 08:54

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ھۈجەيرە سۇ ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تاماق كۆرسەتمىسى»دە ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى 1500-1700 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى كېرەك، سۇ ئىچمەسلىك ياكى سۇنى بەك ئاز قوبۇل قىلىش، ئاسانلا قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يۈرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان بىمارلارغا نىسبەتەن، ھەم جىددىي، ھەم تېز سۇ ئىچىش ئۇسۇلى ئاسانلا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىك تۇرمۇشتا ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، سۇ تەركىبىنىڭ نورمال قوبۇل قىلىنىشىنى ساقلىشى، ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچمەسلىكى كېرەك. يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى دوختۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق بولغان سۇ ئىچىش مىقدارىنى بېكىتىپ، تۇرمۇشتا تۇز، سۇغا چەك قويۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



ئاز-ئازدىن ئاستا سۇ ئىچىش.

يۇيۇنۇپ ياكى ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سۇسىزلىنىش سۈرئىتى بەك تېز بولىدۇ، شۇڭا سۇنى ئاز-ئازدىن ئاستا سۈرئەتتە تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپ مىقداردا تەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، بەدەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم تۇز تەركىبىنى يوقىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئازراق تۇز سۈيى ياكى ھەرىكەت تىپىدىكى ئىچىملىكلەرنى مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش.

تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە تاماق مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ساغلام سۇ ئىچىش ساۋاتلىرى

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ھۈجەيرە سۇ ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تاماق كۆرسەتمىسى»دە ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى 1500-1700 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشى كېرەك،