ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەنە چەتئەلنىڭ دورىلىرىنى ئىشلىتەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-21 10:44

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۈپەت تەكشۈرۈش تەرتىپىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكتىن، ياپونىيە 7 مىليون 750 مىڭ بوتۇلكا بالىلار زۇكام شىكەر قىيامىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان. بۇ شىكەر قىيامىنى دۆلىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى ئانىلار بىلىدىغان بولۇپ، دورا بوتۇلكىسىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىدىكى رەسىم بويىچە، ئانىلار ئۇلارنى جانلىق ھالدا «خاسىيەتلىك بولكا ئادەم» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ تۆت خىل «خاسىيەتلىك بولكا ئادەم» ئادەتتىن تاشقىرى ئادەم ئەمەس، ئەگەر ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاساسلىق تەركىبلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ خلورفېنىرامىن (氯苯那敏)دىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، بەك كۆپ ئۇچرايدىغان تەركىبلەرنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى دورا تەركىبى ئىكەنلىكىنى بىلمەك ئانچە تەس ئەمەس.


سۈپەت تەكشۈرۈش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ دورىلارنى ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، چۈنكى دورىدىكى تەركىبلەر بەك كۆپ بولغاچقا، باشقا دورىلار بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنغاندا، ئوخشاش تەركىبلەرنىڭ قايتا-قايتا ئىستېمال قىلىنىشى تۈپەيلىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بالىلار قىزىپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاتسېتامىنوفېن تەركىبلىك دورا بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا بالىغا ئاتسېتامىنوفېن بار خاسىيەتلىك بولكا ئادىمى بېرىدۇ، بۇ بەلكىم ئاتسېتامىنوفېننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بۇ مەن كىلىنىكىلىق داۋالاشتا كۆپ ئۇچرىتىدىغان بالىلاردىكى خاتا دورا يىيىش ھادىسىسى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەنە چەتئەلنىڭ دورىلىرىنى ئىشلىتەمسىز؟

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۈپەت تەكشۈرۈش تەرتىپىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكتىن، ياپونىيە 7 مىليون 750 مىڭ بوتۇلكا بالىلار زۇكام شىكەر قىيامىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان.