ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئۈچ خىل ئادەت نۇرغۇن ياشلارنىڭ دىيابېت كېسىلى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-21 17:16

ئىلگىرى بىز دىيابېت كېسىلىنى ياشانغانلار كېسىلى، ياشلار ئاسانلىقچە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ، دىيابېت كېسىلى بىزدىن يىراقتا دەپ قارايتتۇق. بۇ ئاز بولمىغان ياشلارنىڭ روھىي ھالىتى ئىدى، ھازىرمۇ دەل شۇنداق، ئۇلار دائىم ئۆزىنى دىيابېت كېسىلىدىن يىراقتا دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش خاتا، چۈنكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دىيابېت كېسىلى ياشانغانلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ ياشلاردا دىيابېت كېسىلىنىڭ «بەلگىسى» بار، ياشلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل بىر قىسىم ناچار ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۇرمۇشتىكى بەزى ناچار ئادەتلەر دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبتۇر، شۇڭا ياشلار بۇ ناچار ئادەتلەرنى ۋاقتىدا تاشلاپ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشى كېرەك.



بۇ ئۈچ خىل ناچار ئادەت دىيابېت كېسىلىنىڭ «پەردە ئارقىسىدىكى سەۋەبچىسى»، ئۇنى بالدۇرراق ئۆزگەرتىڭ

1. ناشتا قىلماسلىق

نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە ئاشقازانغا زىيانلىق دەپ قارايدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىك دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ چۈنكى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە جىددىي خاراكتېرلىك ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى ۋە ئەركىن ياغ كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق قىلغاندا ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ناشتا قىلىڭ، سالامەتلىكىڭىزگە چاقچاق قىلماڭ.



2. يېمەك-ئىچمەك ساغلام بولماسلىق

بۇ ھازىرقى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىك ئاچ-توق يۈرۈش ياكى يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلماسلىق، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتەك ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بار. بۇنداق ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ساغلاملىققا پايدىسىز بولۇپ، ئاسانلا ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسۇلىننىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق قىلغاندا قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز بولۇپ، دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان خەۋپ-خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىزلىكمۇ دىيابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل، شۇڭا سىزنىڭ مۇۋاپىق غىزالىنىپ، بۇ خىل ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.



3. تۈنەش

ياشلار ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ بار: نۇرغۇن ياشلار تۈنەشكە ئامراق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم تۈنەش نۇرغۇن ياشلارنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى، ھەر كۈنى شۇ ۋاقىتقا بارمايلا پەقەت ئۇخلىيالمايدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت تۈنەش بەدەندىكى ھورمۇننىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ قالايمىقان ھورمۇنلارنىڭ ھەممىسى شېكەر چىقىرىش ھورمۇنى بولۇپ، يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تورمۇزلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە تەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز، شۇنداقلا دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ياشلار دىيابېتتىن ئىبارەت بۇ كېسەللىكتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئۈچ خىل ئادەت نۇرغۇن ياشلارنىڭ دىيابېت كېسىلى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئىلگىرى بىز دىيابېت كېسىلىنى ياشانغانلار كېسىلى، ياشلار ئاسانلىقچە بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ، دىيابېت كېسىلى بىزدىن يىراقتا دەپ قارايتتۇق.