ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇخۇمنى كۆپ يېيىش دىئابېت بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 10:03

نۇرغۇن تەتقىقاتلار تۇخۇم يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يوشۇرۇن ساغلاملىق پايدىسى ۋە ئاقىۋىتىنى باھالاپ چىقتى. گەرچە بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش شۇكى، ئاندا-ساندا تۇخۇم يېيىشنىڭ پايدىسى بار، لېكىن بەك كۆپ يەۋەتسە ساغلام بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ تېمىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بۇ نۇقتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، بەك كۆپ تۇخۇم ئىستېمال قىلسا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ يېڭى تەتقىقات جەنۇبىي ئاۋسترالىيە داشۆسى بىلەن قاتار داشۆسى ۋە جۇڭگو تېببىي داشۆسىنىڭ ھەمكارلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم يېسە 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىش مۇمكىنلىقى بايقالغان. بۇ تىك لىنىيەلىك تەتقىقاتنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 1991-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگودىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىتىلغان.


جۇڭگو كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ ئورنىنى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەر ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ تۇخۇم ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇزاق مۇددەت تۇخۇم ئىستېمال قىلىش ۋە ئۇنىڭ دىئابېت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن رولىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. نەتىجىدە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى، ھەر كۈنى بىردىن ئارتۇق تۇخۇم يېگەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %60 ئاشىدىغانلىقى بايقالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت ھەر كۈنى 38 گىرامدىن ئارتۇق تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا، خەۋپ-خەتەرنىڭ يەنە %25 ئەتراپىدا ئاشىدىغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار دۇچ كېلىدىغان تەسىر ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ چوڭ بولىدىكەن. ئەمما تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇخۇمنىڭ 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش جەريانىدا ئويناش ئېھتىمالى بولغان رولىنى بىلىش ئۈچۈن، يەنە بۇ تېمىنى تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇخۇمنى كۆپ يېيىش دىئابېت بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن

نۇرغۇن تەتقىقاتلار تۇخۇم يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يوشۇرۇن ساغلاملىق پايدىسى ۋە ئاقىۋىتىنى باھالاپ چىقتى.