ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قول يۇيۇش بەزىدە ماسكا تاقىغاندىنمۇ مۇھىم، قول يۇيۇشقا ئائىت بىلىملەرنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 15:46

تۇرمۇشتا قايسى ئەھۋاللاردا چوقۇم قولىنى يۇيۇش كېرەك؟

1. يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاش، دورا يېيىش، يارا ئېغىزىغا دورا سۈركەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇش

2. ئەگەر ئائىلىدە بوۋاق بالىلار بولسا، ئۇلارنى كۆتۈرۈش ياكى يېمەكلىك بېرىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇش

3. سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلغاندىن كىيىن، ئويۇن ئويناپ بولغاندىن كىيىن قول يۇيۇش

4. تاللا بازىرى ياكى سودا سارايلارغا بېرىپ مال سېتىۋالغاندىن كىيىن قول يۇيۇش

5. ئادەم، ماشىنا كۆپ جايلارغا بېرىپ باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن قول يۇيۇش

6. ئاممىۋى بويۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، لىفىتنىڭ تۇتقۇچى، كۇنۇپكىسى قاتارلىقلارنى باسقاندىن كىيىن قول يۇيۇش

7. ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن قول يۇيۇش

8. چوڭ تازىلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن، پۇل قاتارلىقلارنى ساناپ بولغاندىن كىيىن قول يۇيۇش



تۇرمۇشتىكى قول يۇيۇشقا دائىر خاتا قاراشلار

1. قول يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە شۇنچە ياخشى دەپ قاراش

ئادەتتە ھەرقېتىم قول يۇيغاندا بىر قېتىم قول يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى چىقىرىپ (تەخمىنەن 2-1 مىللىمېتىرغىچە) 20 سېكۇنتتىن كۆپرەك قول ئالىقىنى ۋە دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ پاكىز يۇيساقلا بولىدۇ.

2. قولنى قول يۇيۇش دېسىدا يۇيسا ئۈنۈمى ياخشى دەپ قاراش

ئەمەلىيەتتە، قايتا-قايتا قول يۇيغاندىن كىيىن، قول يۇيۇش دېسىدىكى سۇ مەينەت بولۇپ كېتىدۇ، قولنى داستىكى مەينەت سۇدا يۇيغاندا قولنى توغرا يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا قولنى ئاقما سۇدا يۇيۇش كېرەك.

3. قول يۇيغاندا قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قاراش

قول يۇيغاندا قېتىم سانى كۆپ بولسا قول تېرىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، يارا ئېغىزىغا سوپۇن سۇيۇقلۇقى كىرىپ كەتسە ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



تۇرمۇشتىكى قولنى توغرا يۇيۇش ئۇسۇلى

1. ئالىقاننى يۇيۇش

قول يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى تەكشى سۈرۈپ، ئالىقاننى ئۆزئارا ئۇۋۇلاپ، ئاندىن قول بارماقلىرىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.

2. قول دۈمبىسى بارماق ئارىلىرىنى يۇيۇش

بىر قولنىڭ ئالىقىنى بىلەن يەنە بىر قول دۈمبىسىنى ۋە بارماقلىرىنى ئۆزئارا يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.

3. قول ئالىقىنى بارماق يان ئارىلىرىنى يۇيۇش

ئىككى قول ئالىقىنىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ، ئىككى قول بارماق ئارىلىقلىرىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.

4. بارماق دۈمبىسىنى يۇيۇش

ھەرقايسى قول بوغۇملىرىنى يېرىم تۈگۈپ بارماقنىڭ دۈمبىسىنى يەنە بىر قولنىڭ ئالىقىنىغا قويۇپ ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.

5. باش بارماقنى يۇيۇش

بىر قولدا يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقىنى ئايلاندۇرۇپ يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.

6. بارماق ئۇچىنى يۇيۇش

ھەرقايسى بارماق ئۇچىنى جۈپلەپ يەنە بىر قولنىڭ ئالىقىنىدا ئايلاندۇرۇپ يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇيۇش.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قول يۇيۇش بەزىدە ماسكا تاقىغاندىنمۇ مۇھىم، قول يۇيۇشقا ئائىت بىلىملەرنى بىلەمسىز؟

تۇرمۇشتا قايسى ئەھۋاللاردا چوقۇم قولىنى يۇيۇش كېرەك؟