ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە ئۈچۈن پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 16:00

پۇت-قول ئۇيۇشۇش پۇت-قول سەزگۈسىنىڭ يوقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر خىل نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى. بۇ بەدەندە كېسەللىك پەيدا بولغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.

تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلا بەدەندە كۆرۈلگەن غەيرىي كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قاراپ، بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. لېكىن بارغانسېرى كۆپ پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پۇت-قول ئۇيۇشۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ!



پۇت-قول ئۇيۇشۇشنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىقنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

پۇت-قول ئويۇشۇش كۆپ ھاللاردا ئوتتۇرا شامال يارتا پالەچلىنىش، دىيابېت، نېرۋا ياللۇغى ۋە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، بەل ئومۇرتقا كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرىكەت نېرۋا تالالىرى ئەتراپىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلار توسۇلۇپ، ھەرىكەت تالالىرىنى بېسىۋېلىپ، ھەرىكەت نېرۋا تالالىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، نېرۋىلارنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە يەتكۈزۈش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، پۇت-قول ئۇيۇشۇش كېلىپ چىقىدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار تەدرىجىي چېكىنىپ، نېرۋا تالالىرى ئۇچرىغان بېسىم كۈنسايىن كۆپىيىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كىچىك تىپتىكى ئۇيۇشۇش مۇسكۇللارنىڭ قېتىشىشىنى، پۇت-قوللارنىڭ ئېچىشىشىنى، ھەرىكەتنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت سەل قارالسا پالەچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.



پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى نېمە؟

1. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش

ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش ياكى ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىك تارىخى بار بىمارلاردا ۋىتامىن B گۇرۇپپىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك پۇت-قولى ئۇيۇشۇپ قالىدۇ.

2. نېرۋا مەنبەلىك ئۇيۇشۇش

ئۇزۇن مەزگىل سىماب، ئارسېن، قوغۇشۇن ياكى ئورگانىك فوسفور قاتارلىق ئېغىر مېتاللار ياكى دېھقانچىلىق دورىلىرى ھەمدە فۇران تۈرىدىكىلەر، ئىزونىئازىد قاتارلىق خىمىيەلىك دورىلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بار كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل خىمىيەلىك ماددىلار زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك نېرۋا ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پۇت-قوللارنىڭ يىراق ئۇچلىرى ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە ئاغرىش، تېرە چۈمۈلىلىرى ھەرىكەت قىلىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ.

3. نېرۋا يىلتىزى ياللۇغى تىپىدىكى ئۇيۇشۇش

ئالدى بىلەن قىزىش بولۇپ، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىر-ئىككى ئايدىن كېيىن پۇت-قولنىڭ بارماقلىرىدا ئۇيۇشۇش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىدا نەپەس قىيىنلىشىدۇ.

4. يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان نېرۋا ياللۇغى مەنبەلىك ئۇيۇشۇش

بۇ باكتېرىيە ئاجرىتىپ چىقارغان نېرۋا توكسىنى ياكى ۋىرۇسنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلىپ، پۇت-قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەردىن ئاساسلىقى بوغما خاراكتېرلىك نېرۋا ياللۇغى، ماخاۋ خاراكتېرلىك نېرۋا ياللۇغى قاتارلىقلار بار بولۇپ، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، پۇت-قول سېزىمى يوقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

5. بويۇن ئومۇرتقىسى بەل ئومۇرتقا كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا مەنبەلىك ئۇيۇشۇش

بۇ خىل ئۇيۇشۇش ياشانغانلاردا خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئومۇرتقا كانىلى ئىچكى نېرۋىسىنى بېسىۋالىدۇ، بەزى بىمارلاردا يەنە پۇت-قول ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

6. يىلىك مەنبەلىك ئۇيۇشۇش

بەزى يىلىك كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتا مۈچىلەر ئۇيۇشۇش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يۇقىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلىش، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياخشى بولماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

7. ئارتېرىيە قېتىشىش خاراكتېرلىك ئۇيۇشۇش

مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىشقا گىرىپتار بولغان ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرى، بولۇپمۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە قان يېتىشمىگەنلىكتىن، چوڭ مېڭىنىڭ سېزىمى ۋە ھەرىكەت مەركىزىدە فۇنكسىيەلىك توسالغۇ پەيدا بولۇپ، مۇناسىپ ئورۇندىكى مۈچىلەرنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش خاراكتېرلىك ئۇيۇشۇش

بۇ خىل ئۇيۇشۇشنىڭ ئورنى كۆپىنچە تۇراقسىز بولۇپ، بەزىدە يېنىك، بەزىدە ئېغىر بولىدۇ، بىماردا دائىم تەشۋىشلىنىش، تىت-تىت بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، يۈرەك سېلىپ نەپەس سىقىلىش ۋە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە كۆپ ھاللاردا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

پۇت-قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ، پۇت-قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، پەقەت ۋاقتىدا تەڭشەپ داۋالانسىلا، ئادەتتە ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇنىڭدا شەخسنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىپ، دىيالېكتىكىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە ئۈچۈن پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالىدۇ؟

پۇت-قول ئۇيۇشۇش پۇت-قول سەزگۈسىنىڭ يوقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر خىل نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى. بۇ بەدەندە كېسەللىك پەيدا بولغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.