ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەچلىك تاماق يېگەندە سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەمسىز؟ ئۇنداقتا مۇنداق قىلىڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 16:19

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر كارىۋاتتا ياتسىلا قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ، دائىم نېمە نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ياكى ھەرىكەت سەۋەبىدىن جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ زور دەرىجىدە خوراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. گەرچە قورساق ئېچىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەمىشە بىر نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر كېچىلىك تاماق يەيدۇ، لېكىن دائىم تەييار چۆپ، كاۋاپ، ئاچچىق ـ چۈچۈك شورپا، بەرەڭگە ياپراقچىسى قاتارلىق تەمى بىرقەدەر ئېغىر يېمەكلىكلەرنى يېسە، سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇزاق مۇددەت يېسە سەمىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولغان بۇ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەيگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇخلاش سۈپىتىمىزگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىش مۇۋاپىق؟


1. گۈرۈچ ئۇمىچى

گۈرۈچ ئۇمىچى تەركىبىدە مول ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ھەر خىل دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئۇيقۇنى تەڭشەش رولى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈرۈچ ئۇمىچى تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا ۋە تاماق تالاسى بار، يىرىك تالا ناھايىتى ياخشى قورساق تويغۇزۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ، يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەخلەت ۋە توكسىننىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق ئېچىپ بىر نەرسە يېگۈسى كەلسە، گۈرۈچ ئۇمىچى يېيىش ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.


2. مېۋە قېقى

مېۋە قېقى يېڭى مېۋە قېقى ياكى قاقلاپ قۇرۇتۇشتىن ياسىلىدۇ، بۇنداق مېۋىدە ئارتۇقچە تۇز ياكى شېكەر قوشۇلمايدۇ، ئارتۇقچە ئىسسىقلىق كۆپەيمەيدۇ، قورساقنى تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەنگە كېرەكلىك مىنېرال ماددا ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلار تولۇقلىنىدۇ، ئۇ بىر قەدەر ساغلام بولغان كېچىلىك تاماق ھېسابلىنىدۇ.

3. يەر ياڭىقى ياكى كۆك پۇرچاق

يەر ياڭىقى بىلەن كۆك پۇرچاق كۆپ ئۇچرايدىغان زاكۇسكا، شۇنداقلا ياز پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېچىلىك تاماق تاللىشى. يېڭى كۆك پۇرچاقتا كۆپ مىقداردا سۇ تەركىبى بار بولۇپ، سۇ تەركىبى %70كە يېقىنلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆك پۇرچاقتا يەنە مول ئاقسىل بار، شۇڭا كېچىلىك تاماق يېگەندە، كۆك پۇرچاق يېسىمۇ ئاسان سەمرىمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆك پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى سويا پۇرچاق ئىزوفلاۋون ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىنى پەسەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەر ياڭىقىنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆك پۇرچاق بىلەن بىللە يېگەندە، يەل ۋە قان تولۇقلاش رولى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، ئىككى خىل يېمەكلىكتىكى يېمەكلىك تالا مىقدارىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، دائىم يەپ بەرسە، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىدۇ.

شۇڭا، كەچتە ئۇخلىغاندا بىر نەرسە يېگۈسى كەلسە، لېكىن سەمرىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، يۇقىرىقى ئۈچ خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كەچلىك تاماق يېگەندە سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەمسىز؟ ئۇنداقتا مۇنداق قىلىڭ

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر كارىۋاتتا ياتسىلا قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىدۇ، دائىم نېمە نەرسە يېگۈسى كېلىدۇ؟