ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆت خالتىسى ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-12 16:21

1. ئۆت خالتىسىنىڭ مۇھىملىقى

ئۆت خالتىسى قوۋۇرغا يايىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق رولى جىگەر ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلاش ۋە قويۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت. نورمال ئەھۋالدا، قورامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 800 ~ 1200 مىللىلىتىرغىچە ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. تاماق يېگەندە، يېمەكلىك ئىنچىكە ئۈچەيگە كىرگەندە، ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىشىنى غىدىقلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىۋېتىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تاماق يېمىگەندە، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسىنىڭ قويۇقلىشىشى ۋە ساقلىنىشىغا كىرىدۇ. ئەگەر دائىم سۇ ئىچمىسە ياكى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە، ئۆت خالتىسىدىكى قويۇقلاندۇرۇلغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىلى بولماي، يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قويۇقلۇق دەرىجىسى زىيادە يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خولېستېرىن چۆكۈپ كەتسە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ.



2. كۆپ ئۇچرايدىغان ئۆت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى

1. ئۆت ياللۇغى

ئۆت خالتىسى ياللۇغى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش ياكى خىمىيەلىك غىدىقلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆت خالتىسى ياللۇغى خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، 35 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تاشقى كېسەللىكلەر جىددىي قورساق كېسەللىكلىرىدە، ئۆت خالتا ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاساسلىق ئالامەتلىرى قورساق ئاغرىش، قىزىش، سېرىقلىق چۈشۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆت خالتىسى ياللۇغىنى داۋالىمىسا، راكقا ئۆزگىرىش خەتىرى بار. نۆۋەتتە، ئۆت خالتا ياللۇغىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئادەتتىكى داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 



2. ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇش

ئۆت خالتىسى تېشىنىڭ پەيدا بولۇشى ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، سېمىزلىك، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن%10 ~%20 قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆت خالتىسىدا تېاش بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %80 بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ياكى ئەگەشمە كېسەللىكى يوق ئىكەن.

شۇڭا، ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇش ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش كېرەك، مەسىلەن، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمى ياكى قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى قاتتىق ئاغرىش ئۇدا 30 مىنۇت داۋاملاشسا، مۈرە ۋە دۈمبە قىسمى ئاغرىش، قورساق ئاغرىغاندا ئاشقازان-ئۈچەيگە قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك.

ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولمىسا، ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، قانۇنىيەتلىك يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك. ئەگەر ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولسا، دورا بىلەن داۋالاش، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش ئارقىلىق تاشنى تازىلىغىلى بولىدۇ.

3. ئۆت خالتىسى مونچاق گۆشى

ئۆت خالتىسى مونچاق گۆشى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان ئۆت خالتىسى ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆت خالتىسى شىللىق پەردىسىدە بىر «گۆش ھۈررىكى» پەيدا بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆت خالتىسى مونچاق گۆشىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، بىراق ئاز ساندىكى كىشىلەردە قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ياكى خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىنىڭ تۆۋەن قىسمى بىئارام بولۇش، قورساق ئاغرىش، ئوڭ مۈرىسى ئاغرىش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆسمىدىن باشقا مۇنچاق گۆشلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىش خەۋپى بولمايدۇ، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۆت خالتىسى مونچاق گۆشىنىڭ دىيامېتىرى 10mm ياكى دىيامېتىرى 6mm ~ 10mm ئارىلىقىدا بولسا، ئەمما ئۆت خالتىسى ياللۇغى ياكى ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇپ، تېزلىكتە چوڭىيىپ كەتسە، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش كېرەك.

4. ئۆت خالتىسى راكى

ئۆت خالتىسى راكى لىمفا تۈگۈنىگە بالدۇر كۆچۈش، جىگەر توقۇلمىلىرىغا بىۋاسىتە سىڭىپ كىرىش، ئاسانلا قورساق بوشلۇقىغا يامراش ۋە قان ئارقىلىق يۆتكىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

نۆۋەتتە، ئۆت خالتىسى راكىنىڭ بەش يىللىق ياشاش نىسبىتى %5كە يەتمەيدۇ، خەتەرلىك ئامىللار جەمەت ئىرسىيىتى، ئۆت خالتىسى مونچاق گۆشى، ئۆت يولى سىستېمىسى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆت خالتىسى راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا دەسلەپكى دەۋرىدە دىياگنوز قويۇش بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ.

ئەگەر قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ھەزىم يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى، شۇنداقلا قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىش، كۆپۈپ ئاغرىش ياكى مۇجۇپ ئاغرىش ياكى سېرىقلىق چۈشۈش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

نۆۋەتتە، ئۆت خالتىسى راكىنى داۋالاش ئاساسلىقى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ۋە قوشۇمچە داۋالاش (رادىياتسىيەلىك داۋالاش، خىمىيەلىك داۋالاش، نىشانلىق داۋالاش، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



3. ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

ئادەتتە، نورمال ئەھۋالدا دوختۇرلار بىمارلارغا ئۆت خالتىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش تەكلىپىنى بەرمەيدۇ، ئامالسىز ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، كېسەللىك ئاسارىتى قالامدۇ؟ قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆت سۇيۇقلۇقى قويۇلماسلىق ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، ياغ ھەزىم بولماي، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان كۆپۈش، ھەتتا ئۆت سۇيۇقلۇقى تەتۈر ئېقىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىراق، بۇ ئالامەتلەر ئۆت خالتىسىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىنكى بىر ئاي ئەتراپىدا ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۆت خالتىسى ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم؟

ئۆت خالتىسى قوۋۇرغا يايىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىق رولى جىگەر ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ساقلاش ۋە قويۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت. نورمال ئەھۋالدا، قورامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 800 ~ 1200 مىللىلىتىرغىچە ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.