ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ خەتىرى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-13 09:57

قۇلاق غوڭۇلداش ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئاسانلا ناچارلاشتۇرىدۇ. قۇلىقى غوڭۇلدايدىغان كىشىلەر خامۇشلۇق، ئاغرىنىش، ئىچى تىتىلداش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش، قايغۇرۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، يالغۇزسىراش قاتارلىق ھېس-تۇيغۇلاردا بولىدۇ. بۇنداق ناچار كەيپىياتلار داۋالاشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن يەنە روھىي جەھەتتىن مەسىلە پەيدا قىلىدۇ.



قۇلاق غوڭۇلداش سالامەتلىككە زىيانلىق.

ئادەتتە قۇلاق غوڭۇلداش سەۋەبلىك ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بۇنداق ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ چاغدا كېسەللىك مىكروبلىرى ئوڭايلا بەدەنگە كىرىپ ئادەم ئاغرىپ قالىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر قۇلاق-مېڭە غوڭۇلداشنى كىچىك ئىش، بىر مەزگىل چىدىۋەتسەكلا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قۇلاق غوڭۇلداشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋالاتمىسا ئادەم گاس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قۇلاق غوڭۇلدىسا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك.

بەزىلەر قۇلاق-مېڭە غوڭۇلداشنى ھەقىقي ھېس قىلىپ باققان، ئۇنىڭ ئادەمنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىر ئادەم ئۈچۈن قۇلاق-مېڭە توختىماي غوڭۇلداش ناھايىتى ئېغىر ئازاب. ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا قۇلاق غوڭۇلداش ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بايقىغاندا چوقۇم ئاكتىپ داۋالاپ ساقايتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ خەتىرى

قۇلاق غوڭۇلداش ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئاسانلا ناچارلاشتۇرىدۇ.