ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە تىقىلمىسى دېگەن نېمە؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 15:48

يۇقىرى قان بېسىم بولسا مېڭە تىقىلمىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى چوڭ بولغان ھەمدە دىيابېت كېسىلى ياكى تاماكا چېكىش ئادىتى قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلارغا نىسبەتەن مېڭە تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

مېڭە تىقىلمىسى بىمارلىرىدا ئادەتتە باش ئاغرىش، قۇسۇش، نەرسىلەرنى كۆرۈش غۇۋالىشىش ۋە ئاڭ سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى بولمايدۇ، كۆپ ھاللاردا بىماردا كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن، پەقەت مېڭە CT ياكى ماگنىتلىق رېزونانس قىلغاندا ئاندىن كېسەل بايقىلىدۇ.

نۆۋەتتە ھېچقانداق داۋالاشنىڭ مېڭە قان تومۇر توسۇقىغا ئالاھىدە پايدىسى بارلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى، ئۆتكۈر مەزگىلىدىكى داۋالاشنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن چەكلىك. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، داۋالاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مېڭە سەكتىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بارلىق مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنى پائال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، نۆۋەتتىكى ئاساسلىق داۋالاش قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، دورا ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىل بولغاچقا، مېڭە تىقىلمىسى بار-يوقلۇقىغا قارىتا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ داۋالاش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقىرى قان بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە تىقىلمىسى دېگەن نېمە؟

نۆۋەتتە ھېچقانداق داۋالاشنىڭ مېڭە قان تومۇر توسۇقىغا ئالاھىدە پايدىسى بارلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى