ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلارغا قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 15:54

1. كالتسىي نەدىن كېلىدۇ؟

تۇرمۇشىمىزدىكى تۈرلۈك يېمەكلىكلەر، دورىلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي بار. ئۈچەي يولى كالتسىينى سۈمۈرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ، بۆرەك كالتسىينىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشى ۋە سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ چىقىرىلىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەكمۇ كالتسىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشكە قاتنىشىدۇ.

2. قايسى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كالتسىي مول بولىدۇ؟

سۈت تۈرىدىكىلەر پەرزەنتلەرنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق كالتسىي مەنبەسى، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى كالتسىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ساغلام بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىملىق كالتسىي تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، لېكىن يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق كۈندىلىك ئېھتىياجلىق بولغان كالتىسى مىقدارىنى قاندۇرۇش كېرەك. بالىلارنى تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يەنى سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق ياسالمىلىرى، راك قاسرىقى، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، لامنارىيە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا ياكى كالتسىي قوشۇلغان پېچىنە قاتارلىق كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئادەتتە ئالتە ئاي ئىچىدىكى بوۋاقلار ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىي ئانا سۈتىدىن كېلىدۇ، ئارتۇقچە كالتسىي تولۇقلاش ھاجەتسىز، لېكىن ۋىتامىن Dنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

 


3. كالتسىي كەملىكنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كالتسىي كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن پۇت-قول تارتىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئاز ساندىكى بالىلاردا بوغۇملار ئاغرىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق غەيرىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

كالتسىي ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمىسە ئۇخلىغاندا يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىش، ئاسان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، ئاسان تەرلەش، مۇسكۇل كۈچسىزلىنىش؛ باش سۆڭىكى يۇمشاش، قوۋۇرغا سىرتىغا ئۆرۈلۈش، پۇت شەكلى غەيرىي بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.

بالىلاردا كالتسىي كەمچىل بولۇش بىلەن بىرگە دائىم باشقا مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇشمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىرگە ۋىتامىن D، ۋىتامىن K2، تۆمۈر، سىنك قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىمۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلارغا قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

تۇرمۇشىمىزدىكى تۈرلۈك يېمەكلىكلەر، دورىلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي بار. ئۈچەي يولى كالتسىينى سۈمۈرىدىغان ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ، بۆرەك كالتسىينىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشى ۋە سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ چىقىرىلىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەكمۇ كالتسىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشكە قاتنىشىدۇ.