ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئاياللار ساغلاملىقى، سىز دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 15:59

كاربون سۇ بىرىكمىلىرى يېمەكلىكىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تۈر بولۇپ، ئاساسلىقى قەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بارلىق جانلىقلار تېنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى قامداشتا ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىدۇر. بىراق ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى بەك كۆپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

كاربون سۇ بىرىكمىلىرى يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قانچە كۆپ قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ قان بېسىمى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، ئەرلەردە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى بىلەن قان بېسىمىنىڭ روشەن مۇناسىۋىتى بولمايدىكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئاياللار كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك.

يۇقىرى كاربونلۇق سۇ بىرىكملىرى ئاياللاردا باشقا كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۈت بېزى راكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، نۆۋەتتە راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ كۆپ قىسمى تۇرمۇش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېمەكلىك تالاسى ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئاياللار كۈندىلىك يېمەكلىكلەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، يۇقىرى كاربوناتلىق يېمەكلىكلەرنى ئامال بار ئاز يېيىش لازىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有