ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆز ئاسراشتىكى بەش چوڭ ساۋاتتىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 11:02

كۆز ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، سىرتقى دۇنيانى كۆرۈشتىكى مۇھىم ئەزايىمىز، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن كىشىلەردە ھەم ياش-ئۆسمۈرلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە، نۇرغۇن كىشىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك تۇرمۇشتىكى ناچار كۆز ئىشلىتىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئۇنداقتا تۇرمۇشتا كۆزنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

1. كۆز دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

قىسمەن كىشىلەر كۆزى بىئارام بولغاندا دورىخانىغا بېرىپ كۆز دورىسى سېتىۋېلىپ تېمىتىشنى تاللايدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆز دورىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دورىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىشلەتمىگەندە، كۆزگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

2. يوشۇرۇن كۆز ئەينەكنى ئامال بار تاقىماسلىق

بىر قىسىم كىشىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى كۆرۈلگەندىن كېيىن، رامكىلىق كۆز ئەينەك گۈزەللىككە تەسىر يېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ، تاقىغۇسى كەلمەيدۇ، شۇڭا يوشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقاشنى تاللايدۇ، ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن كۆز ئەينەكنى ئاسراشقا دىققەت قىلمىسا، كۆز ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.

3. كۆزنى ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلىش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم كۆزنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك، ھەر قېتىم كۆز ئىشلىتىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، 10 مىنۇت ئارام ئېلىش، يىراققا نەزەر سېلىش ياكى كۆزنى يۇمۇپ، كۆزنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

4. قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق

كۆزىمىز بىئارام بولغاندا، دائىم ئىختىيارسىز ھالدا كۆزىمىزنى قولىمىز بىلەن ئۇۋۇلايمىز، ئەمەلىيەتتە قولىمىزدا نۇرغۇن باكتېرىيە بار بولۇپ، باكتېرىيە ئاسانلا ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆزىمىز بىئارام بولغاندا دەرھال قولىمىز بىلەن كۆزىمىزنى ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ، ئاۋۋال قولىمىزنى پاكىز يۇيۇپ، ئاندىن كۆزىمىزنى يۇمۇپ يېنىك باسساق بىئاراملىقنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ.

5. قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش

سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۆز ئەينىكى تاقاش كېرەك، كۆز ئەينەك ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىنى توسۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تۇرمۇشتا كۆزنى ئاسراشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، بىز يۇقىرىقى ئۇسۇللار بويىچە كۆزنى ئاسرىساق بولىدۇ، كۆز ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆز ئاسراشتىكى بەش چوڭ ساۋاتتىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟

كۆز ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، سىرتقى دۇنيانى كۆرۈشتىكى مۇھىم ئەزايىمىز، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن كىشىلەردە ھەم ياش-ئۆسمۈرلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە، نۇرغۇن كىشىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك تۇرمۇشتىكى ناچار كۆز ئىشلىتىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.