ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىرناق ئ‍ەتراپىغا ئ‍ەتتىكەن پەيدا بولۇش ۋىتامىن كەملىكتىنمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 11:04

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىرنىقىنىڭ ئەتراپىغا پات-پات ئەتتىكەن پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر بۇنى چىشى بىلەن ياكى تىرنىقىنى بىلەن يۇلۇۋېتىشنى تاللايدۇ، نەتىجىدە تېخىمۇ كىچىك تەتۈر تىكەن ئېشىپ قېلىپ، بىئاراملىق ھېس قىلىپ ئۇنى پاكىز تازىلىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئەتتىكەن زادى قانداق شەكىللەنگەن؟ ئادەتتە قانداق توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ئ‍ەتتىكەن دېگەن نېمە؟ قانداق پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟
ئەتتىكەن چىقىش قارىماققا كىچىك مەسىلە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان تىرناق ئەتراپىدىكى تېرە مەسىلىسى.

نېمە ئۈچۈن پۇت تىرنىقى ۋە بەدەندىكى باشقا ئورۇنلىرىدا ئەتتىكەن پەيدا بولمايدۇ؟
بۇ ئەمەلىيەتتە بۇ ئورۇندىكى تېرىنىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى تىرناق ئەتراپىدىكى بۇ كىچىك دائىرىدىكى تېرە ئىنتايىن ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈك خالتىسى، تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزى يوق.



تېرە ياغ بېزىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىك ئانچە ئېنىق بىلمەسلىكى مۇمكىن، تېرە ياغ بېزى بولسا ماي ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى (ئۆلۈك تېرە)نىڭ سىرتقى يۈزىنى يېپىپ، مۈڭگۈز قەۋىتىدىكى سۇنىڭ پارلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ، پەقەت يېتەرلىك سۇ تەركىبى بولغان مۈڭگۈز قەۋىتى ئاندىن ئاستىدىكى تېرە ھۈجەيرىلىرى بىلەن زىچ بىرىكەلەيدۇ. قول تىرناق ئەتراپىدىكى بۇ كىچىك دائىرىدىكى تېرە ئالاھىدىلىكىنىڭ پايدىلىق تەرىپى مەڭگۈ دانىخورەك چىقمايدۇ، لېكىن يامان تەرىپى شۇكى، بۇ يەردىكى تېرىنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى ناھايىتى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى تېرە بارماق ۋە يۈز تېرىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ نېپىز، كېرىلىش كۈچىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، سىرتقى كۈچنىڭ سۈركىلىشىگە دۇچ كەلگەندە تېرىنىڭ گىرۋەك قىسمى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ يېرىلىپ كېتىدۇ، كىچىك يېرىقچىلار سۈركىلىپ چوڭىيىپ ئ‍ەتتىكەن پەيدا بولىدۇ.

ئ‍ەتتىكەن ئۆسۈپ قېلىش ۋىتامىن كەملىكتىن بولغانمۇ؟
خەلق ئارىسىغا ئىزچىل تارقىلىپ يۈرگەن، ئەتتىكەن ۋىتامىن كەملىكتىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش خاتا! يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشلەردىن شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، دائىم ئ‍ەتتىكەن ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى شۇكى، تىرناق يىلتىزى ئەتراپىدىكى بۇ تېرە قۇرغاقلىشىش ۋە فىزىكىلىق سۈركىلىشتىن كېلىپ چىققان، بۇنىڭ ۋىتامىن كەملىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئالاھىدە ۋىتامىن تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەتتىكەن چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ھاۋا قۇرغاق پەسىللەردە، قول ئاسراش مېيىنى داۋاملىق سۈرۈپ، قىسمەن تېرىنىڭ مۇۋاپىق نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول ئاسراش مېيىدىكى ماي سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى قوغدايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىرناق ئ‍ەتراپىغا ئ‍ەتتىكەن پەيدا بولۇش ۋىتامىن كەملىكتىنمۇ؟

ئەتتىكەن چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئادەتتە قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ھاۋا قۇرغاق پەسىللەردە، قول ئاسراش مېيىنى داۋاملىق سۈرۈپ، قىسمەن تېرىنىڭ مۇۋاپىق نەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،