ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تېنىڭىزدىكى «مۇداپىئە» سىستېمىڭىزنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 11:13

 

بەدەننىڭ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈچۈن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھەر كۈنى سىزگە پايدىلىق بولغان ھەرىكەتنى ئېلىپ بارالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ يەردە سىز دىققەت قىلىدىغان يەتتە مۇھىم ئۇسۇل بار، سىز قايسىلىرىنى بىلىسىز؟


1. يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقى

يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇق، بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى مېۋە، كۆكتات، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ۋە خۇش پۇراق ماتېرىياللار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىتىكى ئاچقۇچ. نۇرغۇن ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەر ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ۋە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق.

2. ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش

ئۇيقۇ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ۋە تەقسىملەيدىغان ئاچقۇچ، بارلىق قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يەتتە سائەت ئۇخلاش ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىيالايدۇ.

3. قەرەللىك چېنىقىش

قەرەللىك چېنىقىش ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ھەم ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

4. ھاراق ئىچىشكە چەك قويۇش

كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش بىر قاتار سەلبىي ساغلاملىق تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



5. تاماكا چەكمەڭ

ھاراققا ئوخشاشلا تاماكا چېكىشمۇ ئىممۇنىتېت ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

6. سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى كونترول قىلىش

زىققا، يۈرەك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا كونترول قىلىش ناھايىتى مۇھىم.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تېنىڭىزدىكى «مۇداپىئە» سىستېمىڭىزنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

بەدەننىڭ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈچۈن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھەر كۈنى سىزگە پايدىلىق بولغان ھەرىكەتنى ئېلىپ بارالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ يەردە سىز دىققەت قىلىدىغان يەتتە مۇھىم ئۇسۇل بار، سىز قايسىلىرىنى بىلىسىز؟