ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمىشقا ئەتىياز كەلسىلا ئاسان مۈگدەيمىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 16:15

قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، ئادەم بەدىنى ئېنېرگىيەنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قان-تومۇرلارنى قىسقارتىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تۇراقلىق تېمپېراتۇرىسى ۋە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھاياجانلىنىش ئۇچۇرىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلايدۇ. بىراق ئەتىياز كېلىشى بىلەن قان-تومۇرلار كېڭىيىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قانمۇ ئازىيىپ، كىشىنىڭ زېھنى كۈچى خورايدۇ ۋە ئۇيقۇسى ئېچىلمىغاندەك، مۈگدەك بېسىلپلا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ سىناپ بېقىڭ:

1. ئالقات

ئالقاتنىڭ جىگەر ۋە بۆرەك قۇۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قان ۋە قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ھارغىنلىققا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئادەتتە قورۇما قورىغاندا، ئۇماچ ياكى شورپا قايناتقاندا نەچچە ئون تال ئالقات قوشۇۋەتسە غىزانىڭ تەمىنى ياخشىلاپلا قالماي، بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ. ئالقاتنى قۇرۇق چايناپ بەرسە ئوزۇقلۇق ئىلمېنتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق ئالقاتنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولغاچقا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى، زۇكامداپ قىزىغانلار، ئىچ سۈرگەنلەر يېمەسلىكى كېرەك. ئالقاتنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئىسسىقى ئېشىش، زۇكام ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىشتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.



2. قانتېپەر (党参)

قانتېپەر مەركىزىي نېرۋىنى جانلاندۇرۇپ، كەيپىياتنى ئۆستۈرۈپ، ھارغىنلىقنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنى كەتىرا، تەسۋىقوناق، چىلان، گۈرۈچ قاتارلىقلار بىلەن قاينىتىپ ئۇماچ تەييارلاپ ئىچكەندە، مىجەزنى تەڭشەپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى تۈگىتىدۇ. ئەتىيازدىكى روھىي چارچاش، مۈگدەش قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ.

3. لۇڭيەن (桂圆)

لۇڭيەن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە تەشۋىشلەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. تەركىبىدە گىلۇكوزا، ئاقسىل، تۆمۈر قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە پايدىلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھارغىنلىقنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ.

4. تېرىق (小米)

تالنى قۇۋۋەتلەپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، جىسمانىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. تېرىق ئىچ بەدىنى ئىسسىق ھەمدە تال-ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. بىراق بەدىنىنى يەل قاپلىغان، سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى زىيادە سۈزۈك كىشىلەرنىڭ كۆپ يېيىشىگە ماسلاشمايدۇ.

5. بۆدۈنە تۇخۇمى

كۆپ يېگەندە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئۇ بەدەن ساپاسى ئاجىز، ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدىغانلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. بۆدۈنە تۇخۇمى قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، دائىم يېگەندە نېرۋا ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېچىدىكى ئۇيقۇسىزلىق ۋە چۆچۈپ ئويغىنىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ئەتىيازدا تولا ئەسنەش چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەسنىگەندە ئۆپكە كېڭىيىپ، مېڭىدىكى بېسىم تۆۋەنلەپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى كۆپىيىدۇ-دە، بۇ ئورگانىزمنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەتىيازدا بىر سائەتتە بىر ئىككى قېتىم ئەسنەش نورمال، بىراق توختىمايلا ئەسنەش مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمىشقا ئەتىياز كەلسىلا ئاسان مۈگدەيمىز؟

قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، ئادەم بەدىنى ئېنېرگىيەنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن