ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قارا شېكەر، قىزىل شېكەر ۋە قوڭۇر شېكەرنىڭ پەرقى نېمە؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 08:52

قىزىل شېكەر (红糖)

قىزىل شېكەر شېكەر قومۇشىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن، فىزىكىلىق سۈزۈلدۈرۈش ياكى ئاددىي ھاك بىلەن سۈزۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىۋاسىتە قاينىتىپ ياسالغان شېكەرنى كۆرسىتىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا باشقا خىمىيەلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ياردەمچى دورىسى ياكى يېمەكلىك خۇرۇچىنى ئارتۇق قوشۇش ھاجەتسىز، چۈنكى شىرنىسى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان (شىرنە بۆلۈپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىنكى شېكەر مەلھىمى ئىچىدىكى شېكەر شىرنىسى ۋە شېكەرنىڭ كىرىستالىنى ئايرىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ) ، شېكەر قومۇشىنىڭ ئەسلىدىكى تەمى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىر قەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالغان.


قوڭۇر شېكەر (赤砂糖)

قوڭۇر شېكەر شېكەر قومۇشى سانائەتلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلىپ ئاق شېكەر ياسالغاندىن كېيىنكى بىر دەرىجە تۆۋەن مەھسۇلات بولۇپ، تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى، سىرتقى كۆرۈنۈشى قىزىل شېكەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. قوڭۇر شېكەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا خىمىيەلىك پىششىقلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلار (مەسىلەن: ھاك، گۈڭگۈرت دىيوكسىد، فوسفات كىسلاتاسى قاتارلىقلار)نى ئىشلەتكەن بولغاچقا قىسمەن ئوزۇقلۇقلار يوقاپ كېتىدۇ ھەمدە ئاز مىقداردا قالدۇقى قالىدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇق ۋە تەم جەھەتتە قىزىل شېكەرگە قارىغاندا سەل ناچارراق بولىدۇ.

قارا شېكەر (黑糖)

قارا شېكەرنىڭ ياساش ھۈنەر-سەنئىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى قىزىل شېكەرگە ئوخشايدۇ. قارا شېكەرنىڭ رەڭگى قىزىل شېكەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قېنىق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنى قاينىتىش جەريانىدا قازان تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىلگەن ۋە شېكەر پىشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقان بولۇپ، مېيراد رېئاكسىيەسىنىڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىش دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، كوكس پۇرىقى بار بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاكرىلامىد تەركىبىنىڭمۇ مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قارا شېكەر، قىزىل شېكەر ۋە قوڭۇر شېكەرنىڭ پەرقى نېمە؟

قىزىل شېكەر شېكەر قومۇشىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن، فىزىكىلىق سۈزۈلدۈرۈش ياكى ئاددىي ھاك بىلەن سۈزۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىۋاسىتە قاينىتىپ ياسالغان شېكەرنى كۆرسىتىدۇ.