ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قانداق قىلغاندا تۈنەشنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 08:57

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، كىشىلىك ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا، تۈنەشكە مەجبۇر بولۇپ، بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كېلىپ چىقماقتا. تۈنەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بەدەنگە بولغان زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

تۈنەشنىڭ سالامەتلىككە بولغان يەتتە چوڭ زىيىنى:
1. گاسلىق، قۇلاق غوڭۇلداش

ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئاسانلا ئىچكى قۇلاققا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇزاق مۇددەت تۈنەش گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. سېمىزلىك

تۈنەيدىغانلار دائىم يېرىم كېچىدە تاماق يېگەچكە تەستە ھەزىم بولۇپلا قالماي، ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تېرە زىيانغا ئۇچراش

تېرە كەچ سائەت 23:00-22:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)لەردە ئاسراش ھالىتىگە كىرىدۇ، ئۇزاق ۋاقىت تۈنىگەندە، ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرى ۋە نېرۋا سىستېمىسى بۇزۇلۇپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئېلاستىكلىقىنى ناچارلاشتۇرۇپ، تېرىنى تۇتۇق ۋە نۇرسىز قىلىپ، يوشۇرۇن جاراھەت، دانىخورەك، قارا داغ قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

4. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش

دائىم تۈنەيدىغانلار كۈندۈزى روھسىز، بېشى قېيىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، يەنە نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.



5. ئاشقازان-ئۈچەي كىرىزىسى

ئادەمنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئ‍ىككى-ئ‍ۈچ كۈندە بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ ھەمدە بۇ خىل يېڭىلىنىش كېچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر كېچىدە تاماق يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەي يولى ئارام ئالالمىسا، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېچىلىك تاماق ئۇزاق ۋاقىت ئاشقازاندا توختاپ قېلىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، ئاسانلا ئاشقازان شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش، يارا پەيدا قىلىدۇ.

6. ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش

دائىم تۈنەش، چارچاش، روھسىزلىنىش ھالىتىدە تۇرسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، زۇكام، زىيادە سەزگۈرلۈك قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.

7. يۈرەك كېسىلى خەۋپى

ئۇزاق مۇددەت «كۈندۈز-كېچىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن» كىشىلەرنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇپلا قالماي، ئىچكى ئەزالىرىمۇ ۋاقتىدا تەڭشەلمەي، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىدۇ.



ئەگەر چوقۇم تۈنەشكە توغرا كەلسە، تۆۋەندىكى تەييارلىقلارنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

1. كەچلىك تاماقنى ئىككىگە بۆلۈپ يېيىش.

كېچىدە تاماق يېگەندە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ، ھەزىم قىلىنىپ بولالمىغان يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ خىزمىتىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا كەچلىك تاماقنى ئامال بار ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن يەپ بولۇش كېرەك. لېكىن تۈنەشكە توغرا كەلسە، ئىككى ۋاققا بۆلۈپ، ئاۋۋال نورمال كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئاددىيراق يەپ، ئەگەر يېرىم كېچىدە يەنە قورسىقى ئاچسا، يەنە ئازراق يېسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازاندىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

2. مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇخلىماسلىق.

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ياكى ئۆيگە قايتىش يولىدا، ھەرقانچە ھېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مۈگدەپ قالماسلىق كېرەك، بولمىسا ئادەم بەدىنى ئۇيقۇ ماددىسى ترىپتوفان قاتارلىقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىپ، ئۇيقۇ رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۇيقۇغا كېرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



3. ئىش قىلغاندا كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلمەسلىك

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يەيدۇ ياكى مۇزىكا ئاڭلىغاچ تورغا چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشنى قىلغاندا، چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، چوڭ مېڭىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئىش قىلغاندا دىققىتىڭىزنى چاچماڭ، بىر-بىرلەپ تەرتىپ بويىچە كېلىڭ.

4. مۈرىسىگە ئىسسىق لۆڭگە قويۇش.

تېز سۈرئ‍ەتتە ئۇخلاش ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن 10 مىنۇت چىلىنىپ يۇيۇنسا بولىدۇ، سۇ تېمپېراتۇرىسى 40-38 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىپ، بوغۇم مۇسكۇللىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالدۇرىدۇ. ئەگەر ۋاقىت بولمىسا، مۈرىگە ئىسسىق لۆڭگە قويۇپ بەرسە ياكى ئىسسىق سۇ بىلەن بويۇننى يۇيۇپ بەرسە، قاننى جانلاندۇرۇپ ھاردۇق چىقىرىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

5. كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن تۈگۈلۈپ يېتىش.

چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن، ئىككى تىزنى جۈپلەپ، ئىككى قول بىلەن تىزنى قۇچاقلاپ، يوتىنى ئامال بار مەيدىسىگە بېسىپ، بۇ ھالەتنى بىردەم ساقلاپ، ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە قېتىم قايتا-قايتا ئىشلەش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تېز ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قانداق قىلغاندا تۈنەشنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، كىشىلىك ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا، تۈنەشكە مەجبۇر بولۇپ، بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كېلىپ چىقماقتا. تۈنەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بەدەنگە بولغان زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ؟