ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۆۋەن قان بېسىم كىشىنى ئەندىشىگە سالامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 09:20

قان بېسىمى ئادەمنىڭ بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

1. تۆۋەن قان بېسىم ئۆز ئىچىدىن يەنە نورمال ۋە بىنورمال دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بارلىق فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قان بېسىمى 90/60دىن تۆۋەن بولسا تۆۋەن قان بېسىم دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن بەزىلەرنىڭ قان بېسىمى يۇقىرىقى بۇ ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولسىمۇ، ھېچقانداق بىئارام بولمايدۇ، بۇ بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋال بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز.

2. تۆۋەن قان بېسىمىدا كۆپ ھاللاردا مەسىلە ئېغىر بولىدۇ.

جىددىي خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قان كۆپ چىقىپ كېتىش، قان تومۇردا قان بولماسلىق، قان بېسىمىمۇ تۆۋەن بولۇش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەكتە زور كۆلەمدە يۈرەك مۇسكۇلى قىسقىراش، يۈرەك ماغدۇرسىزلىنىش، چىقارغان قان يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار، بۇ پاتولوگىيەلىك تۆۋەن قان بېسىمى دەپ ئاتىلىدۇ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بولمىسا جاننى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.

3. بەزى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، سوغۇقتىن قورقىدۇ، شۇنداقلا تېرىسى قۇرغاقلىشىدۇ، قان بېسىمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنە بىر خىل كېسەللىك بار بولۇپ، بۇمۇ بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولۇپ، بىماردا تېرە قارىداش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر خىل تۆۋەن قان بېسىم بولۇپ، بەدەن تۇرقى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىم دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسىلەن كارىۋاتتىن تۇيۇقسىز ئىتتىك ئورنىدىن تۇرغاندا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، باش قېيىپ، كۆز قاراڭغۇلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. دورىنى مۇۋاپىق يېمىسىمۇ تۆۋەن قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىز يەنە بىر خىل تۆۋەن قان بېسىمنى دائىم ئۇچرىتىمىز، كۆپ ھاللاردا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى كېسەل كۆرسەتكەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەزى دورىلارنى ئىستېمال قىلىدۇ، بۇ دورىلار ئىچىدە قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىمار ئۆزى دورىنى كۆپ يەۋالغانلىق سەۋەبىدىن ، قىسقىسى دورا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇ خىل تۆۋەن قان بېسىمى «داۋالاش مەنبەلىك تۆۋەن قان بېسىمى» دەپ ئاتىلىدۇ.

تۆۋەن قان بېسىمنى قانداق تاللاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

1. فىزىيولوگىيەلىك تۆۋەن قان بېسىمدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ دېگىنىمىز گەرچە قان بېسىمى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، بىراق بىئارام بولماسلىق، بەدەننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار ئارىسىدا قان بېسىمى تۆۋەنلەر، بولۇپمۇ زىلۋا قىزلاردا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. قان بېسىمى تۆۋەن بەزى قىزلاردا ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر تەرەپتىن مۇۋاپىق ھەرىكەتكە قاتنىشىش، يەنە يېمەك-ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش كېرەك.

2. جىددىي خاراكتېرلىك، ھاياتقا تەھدىت سالىدىغان تۆۋەن قان بېسىمنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.بۇ خىل ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن ئىپادىلىنىدىغىنى كۆپىنچە بىرلەمچى كېسەللىك بولىدۇ، مەسىلەن، قان كۆپ چىقىپ كەتسە، ئالدى بىلەن قاننى توختىتىش كېرەك. بەزىدە بەدەننىڭ قايسى قىسمىدىن قان چىققانلىقىنى تاپالمىغاندا، بىر تەرەپتىن قان سېلىش ياكى سۇيۇقلۇق بېرىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى ئۆرلىتىش كېرەك. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولسا، ئەڭ مۇھىمى دەرھال يۈرەكتىكى توسۇلۇپ قالغان قان تومۇرلارنى ئېچىپ، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. قان بېسىمى ئادەمنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، قان بېسىمى بەك تۆۋەن بولسا، چوڭ مېڭە، بۆرەك ۋە يۈرەك قاتارلىق ئەزالار يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ناھايىتى تېزلا ئىقتىدارى زەئىپلىشىدۇ.


4. ياشانغانلاردا ئاسانلا بەدەن ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى كۆرۈلىدۇ.

بەدەن ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، چۈنكى ياشانغانلارنىڭ قان تومۇرى قېتىپ، تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. بەدەن ھالىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، قان بېسىمىمۇ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەيدۇ. بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇپ، ئادەتتە ھەرىكىتى ئاز ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان كىشىلەر ئاسانلا بەدەن ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە بەدەن ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى بار كىشىلەر بەك تويۇپ كېتىش ياكى ئاچ قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە ھاراق ئىچمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. مۇۋاپىق چېنىقىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، چارچاشتىن ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى

تۆۋەن قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەگەر تۆۋەن قان بېسىم پەيدا قىلغان بىرلەمچى كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولسا، تۆۋەن قان بېسىم ئالامەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىرلەمچى كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمىغان بىمارلارغا نىسبەتەن، تۆۋەن قان بېسىم ئالامەتلىرى ئۇزاق مۇددەت تەكرار قوزغىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاساسلىق ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تۆۋەن قان بېسىم يەنە ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ھەقىقىي بىرلەمچى كېسەللىك بولمىسا، تەن ساپاسى ئاجىز بولۇش ياكى زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن تۆۋەن قان بېسىمى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۆۋەن قان بېسىم كىشىنى ئەندىشىگە سالامدۇ؟

قان بېسىمى ئادەمنىڭ بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.