ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇ ئىچىش راستتىنلا ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 09:45

ئامېرىكا «بايقاش» (发现) ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى سانىدا «سۇ ئىچىش راستتىنلا ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان، تولۇق تېكىستىنىڭ قىسقارتىلمىسى تۆۋەندىكىچە:

ناھايىتى ئېنىقكى، سۇ تەن ساغلاملىقىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم.

ئادەم بەدىنىنىڭ %60ى سۇدىن تەركىب تاپقان، ئۆپكە قانىتىنىڭ %83ى سۇ، تېرىنىڭ %64ى سۇ، ھەتتا سۆڭەكنىڭ %31ىمۇ سۇ. بۇ نۇقتىنى ئويلىغاندا، سۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان رولى ھەيران قالارلىق ئەمەس. سۇ بەدىنىمىزدە بوغۇملارنى سىلىقلايدۇ، ئىچكى ئەزالارنى قوغدايدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ، ئوكسىگېننىڭ پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك، سۇنىڭ راستىنلا ئورۇقلىشىڭىزغا ياردىمى بولامدۇ؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بولىدۇ. ئىشەنچلىك ئىلمىي ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەدەن ئىچىدە يېتەرلىك سۇ ساقلاش بىر نەچچە قاداق (453. 5گىرام) ئارتۇق بەدەن ئېغىرلىقىنى تاشلاشقا پايدىلىق.

ئاساسلىق سەۋەب بەلكىم ئىنتايىن ئاددىي بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئىسسىقلىق مىقدارى يوق سۇيۇقلۇقنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن بەدىنىمىز دائىم خاتا ھالدا ئۇسساشنى قورساق ئېچىش دەپ قارىۋالىدۇ، ئەگەر قورساق ئاچقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، قورساق ئاچقانلىق تۇيغۇسى تەبىئىي ھالدا يوقالغاندەك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق تەتقىقات ژۇرنىلى» (美国临床营养研究杂志) 2018-يىلى 15 نەپەر ياش-ئۆسمۈرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كىچىك تىپتىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەگەر بالىلار تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىۋالغان بولسا، تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيدىكەن.

يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سۇ يېمەك-ئىچمەككە بولغان ئارزۇ-ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئىچكىنىمىز شېكەر ياكى سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچلىرى بولغان ئىچىملىك بولماستىن، بەلكى سۇ بولسا، ئۇنداقتا قەنتكە ئانچە كۆڭلىمىز تارتمايدۇ.

2016-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى سەل-پەل ئۆزگەرتسىلا، يەنىلا كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ھەر كۈنى تاتلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ئامېرىكىلىق قورامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر شۇ خىل ئىچىملىكنىڭ ئورنىغا سۇ ئىچسە، ئادەتتە ئىچىملىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىقنىڭ نىسبىتى %17تىن %11كە تۆۋەنلەيدىكەن.

سۇ ئىچىش ئىسسىقلىقنى تېخىمۇ ئاز قوبۇل قىلىشىمىزغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە مۇھىم سەۋەب شۇكى، سۇ ئىچىش ۋاسىتىلىك ھالدا بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىقنى كۆيدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى يېنىك دەرىجىدە سۇسىزلىنىپ كەتكەندە (ئەڭ ياخشى سەۋىيەدىن %1 ئەتراپىدا تۆۋەن) ھارغىنلىق تۇيغۇسى، چۈشكۈنلىشىش ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىسسىقلىق كۆيدۈرۈش ئېھتىياجلىق بولغان تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولغان، زېھنىي كۈچىمىز ۋە قىزىقىشىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قوبۇل قىلىنغان سۇ بىلەن بىز ئۈنۈملۈك كۆيدۈرگەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش يۇقىرىدا ئېيتىلغاندىنمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2016-يىللىق بىر تۈرلۈك باھالاش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى سۇ تەركىبى بىلەن ماينىڭ تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىشى مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

بارلىق ساغلاملىق ۋە مۇۋاپىق ئورۇقلاش پىلانىنىڭ ھەممىسىدە كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىشنى ئويلىشىش كېرەك. زادى قانچىلىك سۇ قوبۇل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب يوق. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇسساشنى سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ كۆرسەتكۈچ سىگنالى قىلىش ياخشى چارە ئىكەن. ئەمما ئەگەر سىز تېخىمۇ ئېنىق بىر سانغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش ۋە مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئاياللار ھەر كۈنى 11.5 ئىستاكان سۇ (2.7 لىتىر)، ئەرلەر 15.5 ئىستاكان (3.7 لىتىر) سۇ ئىچىشكە بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇ مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە باشقا ئامىللار بىلەن بىرلىشىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ چەكتىن ئاشۇرۇپ، زورلاپ ئىچمەسلىك كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۇ ئىچىش راستتىنلا ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟

ئامېرىكا «بايقاش» (发现) ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى سانىدا «سۇ ئىچىش راستتىنلا ئورۇقلىشىڭىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان،