ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلار ياڭاق يېسە مېڭىنى راستىنىلا قۇۋەتلىگىلى بولامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 10:58

بالىلار ياڭاق يېسە مېڭىنى راستىنىلا قۇۋەتلىگىلى بولامدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق جاۋاب بەردى: ياڭاق بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىستېمال قىلىدىغان بىر خىل قاتتىق پوستلۇق مېۋە بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار، فوسفاتىد، پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار ۋە مول كالىي، كالتسىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كۆپ.

100 گىرام ياڭاقنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 60 گىرام ياغ بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لىنولېئىك كىسلاتا مول، لىنولېئىك كىسلاتا ئادەم بەدىنىدە ئۆزلۈكىدىن بىرىكەلمەيدۇ، ئۇنى چوقۇم يېمەكلىك بىلەن تولۇقلاش كېرەك، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىدۇر. لىنولېن كىسلاتاسى چوڭ مېڭە ۋە كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن مۇددەت لىنولېن كىسلاتاسى كەمچىل بولسا، دىققەتنى تەڭشەش ۋە بىلىش جەريانىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياڭاق ئادەم بەدىنىدىكى لىنولېن كىسلاتاسىنىڭ ياخشى مەنبەسى، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا (ھەر كۈنى ئىككى تال) ئادەم بەدىنىنىڭ لىنولېن كىسلاتاسىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قارىغاي ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى مېيى، دادۇر مېيى، رەيھان مېيى، زاغۇن مېيىدىمۇ لىنولېن كىسلاتاسى كۆپرەك بولۇپ، مۇۋاپىق تاللاشقا بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:

ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى، خاسىڭ، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى پايدىلىق، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماي تەركىبى بەك يۇقىرى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە 50 ~ 70 گىرام (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 10 گىرام ئەتراپىدا) يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر قوبۇل قىلىش مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيەسىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلار ياڭاق يېسە مېڭىنى راستىنىلا قۇۋەتلىگىلى بولامدۇ؟

بالىلار ياڭاق يېسە مېڭىنى راستىنىلا قۇۋەتلىگىلى بولامدۇ؟