ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتنى قايرىۋېلىشتىكى بىر نەچچە خاتا قاراش ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:49

باھار كېلىپ ھاۋانىڭ ئىللىقلىققا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ، ھەرىكەت قىلىشنى باشلىۋەتتى. باھار پەسلى ھەرىكەتتىن زەخىملىنىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، پۇتنى قايرىۋېلىش (ئوشۇق بوغۇمى قايرىلىپ كېتىش) تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. پۇتنى قايرىۋېلىش كىچىك ئىش ئەمەس، ئەگەر دەسلەپكى مەزگىلدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويسا، ئادەت خاراكتېرلىك پۇتنى قايرىۋېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ.

پۇتىنى قايرىۋالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتا قاراشلار:

بىرىنچى خاتا قاراش: زاراڭزا مېيى ياكى دورىلىق ھاراق بىلەن يەرلىك ئورۇننى ئۇۋۇلاش. نۇرغۇن كىشىلەر پۇتىنى قايرىۋالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن زاراڭزا مېيى بىلەن ئۇۋۇلاشنى، جاراھەت ئورنىنى سۈرتۈشنى ئويلايدۇ، بۇ ئۇسۇللار يارىلانغان يۇمشاق توقۇلمىلاردىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، يارىلانغان ئورۇندىكى ئىششىش ۋە ئاغرىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

ئىككىنچى خاتا قاراش: دەرھال ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش يەرلىك ئورۇندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، يەرلىك ئورۇندىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنى ئىششىتىپ، ئاغرىق سەزگۈچى نېرۋىلارنى بېسىمغا ئۇچرىتىپ، تېخىمۇ چوڭ ئاغرىق سېزىمى پەيدا قىلىدۇ، بەزىلىرىدە يەنە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولىدۇ.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: پۇتنى قايرىۋېلىش خالاس، دوختۇرخانىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ سەل قاراش. ئەگەر پۇتى قايرىلىپ كەتسە، يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك، بىر نەچچە ھەپتە ھەتتا بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئىششىپ، ئاغرىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا يەنىلا يارىلانغان ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا رېنتىگېندە سۈرەتكە تارتقاندا سۇنۇقنىڭ ئورنى ياخشى بولماسلىق، بوغۇملىرى مۇقىم بولماسلىق ۋە تارىمۇشلار زەخىملىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى بايقاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىدە داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش: ھەرىكەت قىلالىغاچقا، سۆڭەك سۇنۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراش. ئوشۇق بوغۇمى قايرىلغاندا سۆڭەك سۇنمىغان تەقدىردىمۇ بوغۇم ئەتراپىدىكى تارىمۇشلار زەخىملىنىدۇ، ھەتتا تارىمۇش ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزىدە سۆڭەك سۇنغان تەقدىردىمۇ ماڭالىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن پۇتنى قايرىۋالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچەملىك بولمىسا كېسەل ئاسارىتى قېلىشى مۇمكىن. توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بولۇپمۇ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇۋۇلاش قاتارلىق تەرتىپسىز مەشغۇلاتلار ئۇششاق قان تومۇرلاردىن قان چىقىشنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىششىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئوشۇق بوغۇمىنىڭ ئاغرىقىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا، بەدەننىڭ كۈچ سىزىقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يېتىپ، ئۈستۈنكى بوغۇمنىڭ تىز، داس سۆڭىكى قاتارلىقلارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



پۇتنى قايرىۋالغاندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى، تۆۋەندىكى بەش ئاچقۇچلۇق سۆزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ:

1. توختاش

مېڭىشنى توختىتىپ، تىنچ ئارام ئېلىپ، ئىككىلەمچى زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئ‍ىششىقنى پەسەيتىش كېرەك.

2. سوغۇق ئۆتكۈزۈش

جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلىدە، يەنى 24~48 سائەت ئ‍ىچىدە سوغۇق ئۆتكۈزۈش، ھەر قېتىمدا 10~20 مىنۇت، ھەر ئىككى قېتىملىق سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ ياخشىسى ئىككى سائەتتىن ئ‍ۇزۇن بولۇشى كېرەك ھەمدە ئىششىقنى يېنىكلىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش كېرەك.

3. بېسىمنى ئاشۇرۇش

ئېلاستىك داكا ياكى ئېلاستىكلىقى چوڭ كىيىمنى ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق بېسىم بىلەن تېڭىپ (بوش-چىڭلىقى مۇۋاپىق) ئىششىقنى يېنىكلىتىش، زىيادە بېسىم بەرگەندە ئىششىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، قان يېتىشمەيدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق بېسىم بىلەن تېڭىش كېرەك.

4. يۇقىرى كۆتۈرۈش

يارىلانغان پۇتنى يۈرەكتىن يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا قاننىڭ قايتىشىنى تېزلىتىپ، ئىششىقنى يېنىكلىتىپ، ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

5. كېسەل كۆرسىتىش

ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش! كېيىن كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئ‍اسارىتىنىڭ ئ‍الدىنى ئ‍ېلىش كېرەك.



پۇتنى قايرىۋېلىشنىڭ ئ‍الدىنى ئ‍ېلىش توغرىسىدا:

1. پۇت ئ‍وشۇقىنىڭ كۈچىنى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، ئادەتتە پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۆپرەك قىلىش كېرەك.

2. ئ‍ېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش ياكى تەكشى بولمىغان يولدا مېڭىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

3. يول ماڭغاندا ئەستايىدىل بولۇش، يانفونغا قارىماسلىق كېرەك.

4. ئ‍امال بار بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ سەكرىمەسلىك كېرەك.

5. ھەرىكەتنىڭ ئالدى-كەينىدە بەدەن قىزىتىش، پەي سوزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

6. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

پۇتنى قايرىۋېلىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەرىكەت زەخمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يارىلانغاندىن كېيىن تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىم ئادەمدە كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئاسارىتى ئاستا خاراكتېرلىك ئوشۇق بوغۇمىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ئوشۇق بوغۇمىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش، زەخىملەنگەندىن كېيىن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇتنى قايرىۋېلىشتىكى بىر نەچچە خاتا قاراش ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر

باھار كېلىپ ھاۋانىڭ ئىللىقلىققا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقا چىقىپ، ھەرىكەت قىلىشنى باشلىۋەتتى.