ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نېمە ئۈچۈن ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:51

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 74.2 ياش، ئەرلەرنىڭ بولسا 69.8 ياش، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەرلەرنىڭكىدىن 4.4 ياش يۇقىرى بولىدىكەن. يېقىندا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا جاۋاب بېرىلدى.

ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، 28 دۆلەتتىكى 180 مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئانالىز قىلىپ، ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش خەۋپىنىڭ ئاياللارنىڭكىدىن %60 يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، قىسمەن سەۋەبلەر شۇكى، ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىش ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پەرق ئوخشاش بولمىغان. پەقەت تاماكا چېكىش ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭلا ئۆلۈش نىسبىتىدىكى جىنسىي پەرقنى %22 ئازايتقىلى بولغان. بارلىق ئامىللار ئىچىدە تاماكا چېكىشنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى پەرقىگە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەتقىقاتتا ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىساد، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق (يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە خامۇشلۇق كېسىلى) ۋە جەمئىيەت قاتارلىق ئامىللىرى تەكشۈرۈلگەن، بۇ ئامىللار 50 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغان.

ئەمەلىيەتتە، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى توغرىسىدا ئالىملارمۇ ئىزچىل ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ شۇنداقلا سەۋەبلىرىمۇ تېپىپ چىقىلىۋاتىدۇ.

1. گېن مەسىلىسى

بىيولوگىيەلىك گېن جەھەتتە ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى تۇغما ھالدا ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار شۇنى بايقىدىكى، X خىروموسومادىكى بىر گېن DNAنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئاياللاردىكى ئىككى تال X خىروموسوما قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

2. ئانىلىق ھورمۇننىڭ قوغداش رولى

ئانىلىق ھورموننىڭ قوغداش رولىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ بىر سەۋەبى. ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 4-تېببىي مەركىزى جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى پېڭ گوچيۇ مۇنداق دېگەن: ئانىلىق ھورمۇن قاندىكى ماي مېتابولىزمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولغاچقا، ھەيز توختاشتىن ئىلگىرىكى ئاياللارنىڭ قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاز كۆرۈلىدۇ، يۈرەك كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

3. تۇغما فىزىيولوگىيىلىك قۇرۇلما

ئاياللارنىڭ ھەر ئايدىكى ھەيز مىقدارى كۆپ بولغاندا 80 نەچچە مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، بەزى قىسقا مەزگىللىك كۆپ مىقداردىكى قاناش ھادىسىلىرىدە ئاياللارنىڭ سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىگە بولغان چىدامچانلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

4.كېيىنكى ئامىلنىڭ تەسىرى

ئەلۋەتت، تۇغما ئامىلغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ مۇھىم بىر ئامىل شۇكى، كېيىنكى تۇغما كۈتۈنۈش جەھەتتە، ئەرلەر ئاياللاردەك ئۆزىنى كۈتۈپ بولالمايدۇ. ئەرلەردە ئاسانلا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تۈنەش، كۆپ يەپ-ئىچىش قاتارلىق ناچار ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.



1. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تاماكا چېكىش مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، 45 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە تاماكا چېكىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن. تاماكا چېكىش ھەر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم خەتەرلىك ئامىل.

2. «2019- يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى» (2019年世界卫生统计)دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوخشاش كېسەلگە دۇچار بولغاندا، ئەرلەر كۆپ ھاللاردا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ. كېسەللىككە بولغان پوزىتسىيە جەھەتتە، ئەرلەر بىپەرۋالىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى كېسەللىكلەرنىڭ سىگنالىغا سەل قاراپ، ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

3. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەرنىڭ مېھماندارچىلىقى كۆپ بولۇپ، ھاراق ئىچىش نىسبىتى ئاياللارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھاراق ئىچىش 200 خىلدىن ئارتۇق ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن.

4. قاتناش بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئەرلەرنىڭ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئاياللارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئايال شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى ئەر شوپۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولۇپ، كېلىپ چىققان چوڭ ۋەقەلەر تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن. ئادەتتە ئادەم ئۆلۈش ياكى ئېغىر يارىلىنىشتەك قاتناش ھادىسىلىرى كۆپىنچە ئەر شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن %75 يۇقىرى بولىدۇ. بىز تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئاياللارنىڭ كەيپىيات جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، «ئەرلەر ئاسان ياش تۆكمەيدۇ» دېگەن سۆز بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى. يىغلاش ئاياللارغا دەردىنى چىقىرىش ئەركىنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ كەيپىيات تىكلىشىگە ۋە بېسىمنى يېنىكلىتىشىگە تېخىمۇ ياردەم بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ ئاجىز تەرىپىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نېمە ئۈچۈن ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق دۇنيا سەھىيە ئىستاتىستىكىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 74.2 ياش،