ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مېۋىلەر خانىشى» بۆلجۈرگەننىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-11 16:53

بۆلجۈرگەن چاچما يىلتىزلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەنە ئوكيان بۆلجۈرگىنى، قىزىل بۆلجۈرگەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۆلجۈرگەن ئەسلى ياۋروپادىن چىقىدىغان مېۋە بولۇپ، تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلار ئىنسانلار ياۋا بۆلجۈرگەننى يېيىشكە باشلىغان. شىۋېيتسارىيەدىكى خارابىلەردىن نۇرغۇن بۆلجۈرگەن ئۇرۇقى بايقالغان، خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 200-يىلى قەدىمكى رىم باغچىسىدا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈلگەن، فىرانسىيەلىكلەر 5-ئەسىردىن باشلاپ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرگەن، كېيىن ئىسپانىيەلىكلەر، پورتۇگالىيەلىكلەر ۋە ئەنگلىيەلىكلەرمۇ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئەنگلىيەلىكلەر بۆلجۈرگەننى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئېلىپ بارغان، ئەمما 19-ئەسىرگە كەلگەندە ياۋروپادىكى بۆلجۈرگەن قىممەتلىك يېمەكلىك بولۇپ ھېسابلىنىپ، ئەڭ باي كىشىلەرلا ئۇنى يېيىشتىن بەھرىمەن بولالىغان. ئېلىمىزدە مىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ ياۋا بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈلگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەلا سورت كىرگۈزۈلگەن.

بۆلجۈرگەننىڭ رەڭگى قىزىل، يۇمشاق، شىرنىسى كۆپ، چۈچۈمەل، تەمى تاتلىق بولۇپ، مېۋە پۇرىقى قويۇق، ئاساسلىقى يېڭى پېتى يېيىشكە ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە مېۋە شەربىتى، مۇراببا، سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە ھارىقى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ. بۆلجۈرگەن مەززىلىك، قىزىل، يۇمران بولۇپ، مېۋە ئېتىنىڭ شىرنىسى كۆپ، مېۋە پۇرىقى قويۇق. بۆلجۈرگەن يېگەندە چىش مىلىكىنى تۇراقلاشتۇرغىلى، نەپەسنى ساپلاشتۇرغىلى، كاناينى سىلىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى ۋە يىمەكلىك تالالىرى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

بۆلجۈرگەن تەركىبىدە ۋىتامىنC، يىمەكلىك تالاسى قاتارلىق كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا ۋە فلاۋونلار(类黄酮) مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى، تېرە ۋە چاچنى ئاسراش رولى بار، شۇنداقلا ئورۇقلاشقا پايدىلىق. بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ۋە تاننىك كىسلاتاسى(鞣酸) راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى سۈمۈرۋالىدۇ ۋە توسىدۇ.

بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى بىيولوگىيىلىك ئاكتىپ ماددىلار ئاق قان كېسىلى ۋە قان ئازلىقنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش رولىغا ئىگە. بۆلجۈرگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تال، ئاشقازان، ئۆپكە تومۇرلىرىنى ئاچىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆپكىنى ئىسسىق قاپلاپ يۆتىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كىچىك تەرەت ئاز كېلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېڭى بۆلجۈرگەننىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بولۇپ، ئەتىيازدا ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مېۋىلەر خانىشى» بۆلجۈرگەننىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

بۆلجۈرگەن چاچما يىلتىزلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەنە ئوكيان بۆلجۈرگىنى، قىزىل بۆلجۈرگەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ،