ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشى تۇغۇلغان ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەىم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:12

بىز دائىم باشقىلاردىن «بالا ئەتىگەندە ياكى چۈشتە تۇغۇلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە ساغلام، ئەقىللىك بولىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئايال كېچىچە ئارام ئالغان بولغاچقا، ئانىنىڭ بالا تۇغقاندا كۈچ ماغدۇرى يېتەرلىك بولىدۇ، ھەم دوختۇر، سېسترالارنىڭ ئەتىگەندە زېھنىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز، بۇ خىل قاراشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بالىنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى كونترول قىلىش كېرەكمۇ؟

بالا ئەتىگەندە ياكى چۈشتە تۇغۇلسا، ئانىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى ھەقىقەتەن يېتەرلىك بولامدۇ؟

بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەم بەلكىم بالا تۇغۇپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. بالا تۇغۇش ئازابىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلارنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم، ئەگەر بالا ئەتىگەن سائەت 9:00دە تۇغۇلدىمۇ دەيلى، ئاغرىق توختىتىش ئوكۇلىنى ئۇرمىغان بولسا، ئالدىنقى كۈنى كەچتە تولغاق سەۋەبىدىن تۇغۇتلۇق ئانا ئەلۋەتتە ئۇخلىيالمايدۇ، كېچىدە ئارام ئالدى دەپلا ئانىنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ دېيىش ھەقىقەتەن يېنىكلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزدۇر. ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىنى قايسى ۋاقىتتا تۇغۇشتىن قەتئىينەزەر، ئوڭۇشلۇق تۇغۇش ئىنتايىن جاپالىق بىر جەريان.

تېببىي خادىملارنىڭ زېھنىي كۈچىنىڭ تولۇق ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىگە كەلسەك، بۇ قاراشنىڭ ئازراق ئاساسى بار، لېكىن ئائىلە باشلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىرىنچىدىن، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى كونترول قىلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، دوختۇرلار تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ تولغاق ئەھۋالىغا ئاساسەن، كىم جىددىي ئەھۋالدا بولسا شۇ تۇغۇتلۇق ئايالنى تۇغدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال تەبىئىي تولغاق يەۋاتقان بولسا، بالىنىڭ قاچان تۇغۇلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشمۇ ھاجەتسىز، بۇ ۋاقىتتا دوختۇر سېسترالار ئوخشاشلا ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋېرىدۇ.

ئۇنداقتا بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىدا ھېچقانداق قانۇنىيەت يوقمۇ؟

بالىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدا ھەقىقەتەن بەزى قانۇنىيەتلەر مەۋجۇت. 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2005-2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان 5 مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئانالىز قىلىنىپ، %5.71 بوۋاقنىڭ ھەپتە ئاخىرى، ئومۇمىي دەم ئېلىش كۈنى ياكى خىزمەت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئارىلىقىدا تۇغۇلغانلىقى بايقالغان.

ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈندۈزى ۋە كەچتە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ئاتا ـ ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىردىنبىر مۇھىم بولغىنى، بالىلارنىڭ ساغلام بولۇشى، ئاي تولغان كۈنى تۇغۇلۇشى، ئانىنىڭ تۇغۇت جەريانى ئوڭۇشلۇق بولۇشى، ئاز جاپا تارتىشىدىن ئىبارەت.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشى تۇغۇلغان ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

بىز دائىم باشقىلاردىن «بالا ئەتىگەندە ياكى چۈشتە تۇغۇلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە ساغلام، ئەقىللىك بولىدۇ،