ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۈرەك ئەڭ قورقىدىغان بەش خىل سۇ ئىچىش ئۇسۇلى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:42

سۇ ئىچىش توغرا بولمىسا، ئويلاپ باقمىغان خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ يۈرىكى ياخشى ئەمەس كىشىلەر. يۈرەك تۆۋەندىكى بەش خىل سۇ ئىچىش ئادىتىدىن قورقىدۇ:
1. بەك تېز سۇ ئىچىش: بۇ خىل سۇ ئىچىش ئۇسۇلى قاننى تېز سۈرەتتە سۇيۇلدۇرۇپ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يۈرەكنىڭ خىزمەت مىقدارى، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېشىپ، ئاسانلا يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. زىيادە كۆپ سۇ ئىچىش: سۇنى زىيادە كۆپ ئىچىش «سۇدىن زەھەرلىنىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش قېيىش، مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. زىيادە سوغۇق سۇ ئىچىش: يۈرىكى ياخشى ئەمەس كىشىلەر سوغۇق سۇ ئىچسە يۈرەك رىتىمىنى تىزلىشىپ، يۈرەكنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمالسىزلىقى، يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار.
4. بەك قىزىق سۇ ئىچىش: ئەڭ مۇۋاپىق سۇ تېمپېراتۇرا 10-30 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ.
5. ئاز سۇ ئىچىش: قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 1-1700 مىللىلىتىرغىچە سۇ ئىچىشى كېرەك. سۇنى بەك ئاز ئىچكەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىدا تاسادىپىيلىق يۈز بېرىدۇ، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۈرەك ئەڭ قورقىدىغان بەش خىل سۇ ئىچىش ئۇسۇلى

سۇ ئىچىش توغرا بولمىسا، ئويلاپ باقمىغان خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ يۈرىكى ياخشى ئەمەس كىشىلەر. يۈرەك تۆۋەندىكى بەش خىل سۇ ئىچىش ئادىتىدىن قورقىدۇ: