ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ساغلاملىق بىلىملىرىدىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:44

1. كۆز چارچىغاندا ئالقاتنى كۆپ يېيىش كېرەك

ئادەتتە خىزمەتچىلەر كۈن بويى ئالدىدىكى كومپيۇتېر ياكى زىچ تىزىلغان مەلۇمات جەدۋىلىگە تىكىلىپ قاراپ، كۆزى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىدۇ. ئالقات بۆرەكنى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ئالقاتنىڭ كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ھەم ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل شۇكى، ئۇنى چايغا دەملىمەي چايناپ يەپ بېرىش كېرەك. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 20 گىرام ئەتراپىدا ئالقات يېسە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.


2. مېڭە چارچىغاندا قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى كۆپ يېيىش كېرەك.

خىزمەت قىلغاندا ئەتىگەندىن كەچكىچە چوڭ مېڭە ئىزچىل يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، خىزمەت ۋاقتىدا ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن باشقا، مېڭە نېرۋىلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ياڭاق مېغىزى، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى يېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە لېتسىتىن، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، مېڭىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

3. ئاشقازان بىئارام بولغاندا تېرىقنى كۆپ يېيىش كېرەك.

ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچىش، تاماق يېيىش ۋاقتى قانۇنىيەتسىز بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ، تېرىقنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، نەملىكنى تۈگىتىش، ئاشقازان ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار. تال، ئاشقازىنى ئاجىزلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

4. يۈرەك چارچىغاندا قىزىل پۇرچاقنى كۆپ يېيىش كېرەك.

تۇرمۇش بېسىمى ئاسانلا كىشىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چارچىتىپ قويىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قىزىل پۇرچاق يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، قىزىل پۇرچاق يۈرەكتىكى ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، يۈرەكتىكى قاننى تولۇقلايدۇ. ئۇنىڭ يەنە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەكنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپ، قان تولۇقلاپ، بەدەننى قۇۋەتلەيدۇ.

6. گال ئاغرىغاندا نەشپۈتنى كۆپ يېيىش كېرەك.

تاماققا ھەر كۈنى بىر تال نەشپۈتنى قوشۇپ يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، نەشپۈتنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، بەلغەمنى بوشىتىش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، ئاۋازى ئۆزگىرىپ قېلىش، گال ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە شىپا قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ساغلاملىق بىلىملىرىدىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟

ئادەتتە خىزمەتچىلەر كۈن بويى ئالدىدىكى كومپيۇتېر ياكى زىچ تىزىلغان مەلۇمات جەدۋىلىگە تىكىلىپ قاراپ، كۆزى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىدۇ.