ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېمەك-ئىچمەك پىرىنسىپلىرى:

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-18 09:43

سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسلىق يېمەكلىكتە بەش خىل دانلىق زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنى ئاساس قىلىپ، ھەر قېتىملىق تاماقتا چوقۇم ھەر خىل يېشىل كۆكتاتلارنى يېيىش كېرەك، ئۇنىڭدىن سىرت خام يېگىلى بولىدىغان كۆكتاتلارنى ئەڭ ياخشىسى خام يېيىش كېرەك، مەسىلەن ئوزۇقلۇق قىممىتى بار ھەم مەززىلىك بولغان كۆكتات سالات دېگەندەك.
گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىغا مۇۋاپىق چەك قويۇش كېرەك. ياغ بولۇپمۇ خولېستېرىن مىقدارى تۆۋەن بولغان سۈت مەھسۇلاتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئاقسىل مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بېلىق گۆشىدىمۇ ئاقسىل مەنبەسى مول بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياغ كىسلاتاسىنىڭ كۆپىنچىسى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ۋە قان ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ پەيدا بولۇشى ئاش تۇزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يۇقىرى قان بېسىم سەكتىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

بۇ يەردە بىز كۆپچىلىككە سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پۇرچاق تۈرىدىكى ۋە يۈسۈن تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل بىرقەدەر مول بولۇپ، خولېستېرىننى تەڭشەش رولىمۇ بار.
زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر موگۇ، قىشلىق موگۇ، قېرىنقۇلاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار.
يۈسۈنلەر لامنارىيە، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ماددىلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇيۇشىغا قارشى تۇرۇش رولى بولۇشتىن سىرت يەنە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېمەك-ئىچمەك پىرىنسىپلىرى:

زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر موگۇ، قىشلىق موگۇ، قېرىنقۇلاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار.