ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىز كۆزنى ئۇۋۇلاشقا ئادەتلەنگەنمۇ؟ خەتەرلىك!

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 16:38

 

كىشىلەر كۆز بىئارام بولسا كۆزنى ئۇۋۇلايدۇ، ئەمما بۇ خىل كۆزنى ئۇۋۇلاش ھەرىكىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. كۆزنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر، بولۇپمۇ نۇر يىغالمايدىغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزاق مۇددەت كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا مۈڭگۈز پەردىگە بېسىم پەيدا بولۇپ، مۈڭگۈز پەردە سىرتقى يۈزىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، مەلۇم ئوق يۆنىلىشىدىكى نۇر يىغالماسلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەسلىدە كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار كۆزىنى ئۇۋۇلىسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كونۇسسىمان مۈڭگۈز پەردە پولتىيىپ چىقىش ياكى ئولتۇرۇشۇش بىر خىل كۆز كېسىلى بولۇپ، ئۇ دائىم يۇقىرى دەرىجىدىكى تەرتىپسىز نۇر يىغالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرقى دەۋرىدە ئۆتكۈر مۈڭگۈز پەردە سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولۇپ، تاتۇق شەكىللىنىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل بىمارلارنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۇۋۇلاپ باسقاندا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تېخىمۇ زور زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا كەسپىي دوختۇرنىڭ دىياگنوزى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، قول قىسمىدا ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بولۇشى مۇمكىن، بۇ كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا كۆزگە كىرىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كۆز قىچىشىش، كۆز قۇرغاقلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى بولمىغان كۆزگە تېمىتىش سۇيۇقلۇقىنى تېمىتىپ بەرسە ياكى پاكىز قەغەز بىلەن كۆز قۇيرۇقلىرىنى يېنىك سۈرتسە بولىدۇ. ئەگەر ئەھۋال داۋاملىق ياخشىلانمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. غەيرىي نەرسىلەرنىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىش ئەھۋالىغا يولۇققاندا، ئالدى بىلەن غەيرىي نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئەگەر چاڭ-توزان، چاچ، قۇم-شېغىل قاتارلىق ئادەتتىكى يات ماددىلار بولسا، بۇ ۋاقىتتا كۆزنى ئۇۋۇلاش مۈڭگۈز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئېغىر بولمىغاندا، كۆزنى يۇمۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلىنغان تېببىي پەلكۈچ بىلەن پاكىز سۇ ئارقىلىق يۇيۋەتسە بولىدۇ؛ ئەگەر كەپشەرلەش، بېزەش قاتارلىق قۇرۇلۇش جەريانىدىكى سانائەت خام ماتېرىياللىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە كىرىپ كەتسە، كۆز قىزىرىش ياكى كۆز ئاغرىش قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ ۋاقىتتا كۆزنى ئۇۋۇلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىز كۆزنى ئۇۋۇلاشقا ئادەتلەنگەنمۇ؟ خەتەرلىك!

كىشىلەر كۆز بىئارام بولسا كۆزنى ئۇۋۇلايدۇ، ئەمما بۇ خىل كۆزنى ئۇۋۇلاش ھەرىكىتى ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.