ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشنىڭ خەتىرىنى بىلەمسىز؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-06 11:32

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان بولۇپ كەتتى. بازارلاردىمۇ ھەرخىل يوشۇرۇن كۆزئەينەكلەر سېتىلىشقا باشلىدى، ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى يوشۇرۇن كۆزئەينەكنىڭ باھاسىدىكى پەرقمۇ ناھايىتى چوڭ. توردىن باھاسىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئەڭ ئەرزىنىنى پەقەت ئون نەچچە يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. لېكىن سىز راستتىنلا ئون نەچچە يۈەنلىك يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى تاقاشتىن قورقمامسىز؟

گۈزەللىكنى ھەممە ئادەم سۆيىدۇ. يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىسا ھەقىقەتەن بەك قولايلىق. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلار رامكىلىق كۆزئەينەكنى تاشلاپ، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان بولۇپ كەتتى. شۇنداق، رامكىلىق كۆزئەينەكنى داۋاملىق تاقاۋەرسە كۆز نۇرسىز كۆرۈنىدۇ. لېكىن يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغاندا چوقۇم توغرا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر توغرا ئۇسۇل بىلەن تاقىمىسا، كۆزگە ئىنتايىن زىيانلىق.

ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بىر سىڭلىم بار ئىدى، ئىمتىھاننى خېلى ياخشى بېرىپ، نەتىجىسىمۇ ياخشى چىقىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى بەردى. ئۇ يېقىندىن بۇيان گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل بولماقچى بولدى. گۈزەللىكنى سۆيۈشنى بەك ئەيىبلەپ كەتكىلى بولمايدۇ، قانداق قىز بالا گۈزەللىكنى سۆيمەيدۇ دەيسىز. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ توردىن يوشۇرۇن كۆزئەينەك سېتىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. ئەينى چاغدا مەن بەك كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم. مەنمۇ رامكىلىق كۆزئەينەك تاقىغاندىن كۆرە، يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىسا تېخىمۇ چىرايلىق بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. كېيىن مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يوشۇرۇن كۆزئەينىكىنى تاقىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەجىبا ئۇ تاقىغان يوشۇرۇن كۆزئەينەكتىن مەسىلە چىققانمىدۇ؟

مەن ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى سورىدىم. بىر قاتار پىكىرلىشىشلەردىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى قانداق تاقاشنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ پەقەت يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى تاقىسا قولايلىق ھەم چىرايلىق تۇرىدىكەن دەپلا تاقاپتۇ.



چۈشتە ئۇخلىغاندا، ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۆزئەينەك بىلەنلا ئۇخلايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. مەن ئۇنى ئويغىتىپ، كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىپ ئۇخلىشىنى تاپىلىدىم. ئۇ گەپ ئاڭلاپ، يوشۇرۇن كۆزئەينىكىنى ئېلىۋەتمەكچى بولدى. لېكىن تۇيۇقسىز يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى كۆزىدىن تاپالماي قالدى. شۇ چاغدا ئۇمۇ قورقۇپ كەتتى. بۇ دەل مەن ئەنسىرەيدىغان ئىش ئىدى. بەختكە يارىشا، ئۇ كۆز ئالمىسىنى ئۇياق-بۇياققا ئاستا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى تېپىپ ئېلىۋەتتى.

كۆزئەينەكنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم يوشۇرۇن كۆزئەينەكنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئېيتتىم. يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىغان ۋاقىت ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدا تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا كۆز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ھۇجرىسىدىن تاشلىۋېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن بىر قىسىم كۆزئەينەك قۇتىلىرىنى بايقىدىم. بۇ ماركىلارنى مەن ئەسلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. دەسلەپتە مەن تېخى يېقىن ئەتراپتىكى كۆزئەينەك دۇكىنىدا سەپلىگەن كۆزئەينەك دەپ ئويلاپتىمەن. ئەمەلىيەتتە كۆزئەينەكنىڭ گرادۇسى توغرا ئەمەسكەن. سىڭلىمنى ۋەيران قىلماقچى بولغان كۆزئەينەككە جەمئىي 50 يۈەنمۇ كەتمەپتۇ.

مەن ئۇنىڭغا توردىن سېتىۋالغان كۆزئەينەكنى تاشلىغۇزۇپ، ئۇنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، مەخسۇس ئۇنىڭغا تەۋە يوشۇرۇن كۆزئەينەك سەپلىگۈزۈپ بەردىم. بۇ ئىش بىزگە شۇنى بىلدۈرىدىكى، چوقۇم ھەر كىم ھەر ۋاقىت ئۆز بالىسىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى لازىم. گەرچە ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ بولغان، قۇرامىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزىدە ئۇلار ئانچە پىشىپ يېتىلمىگەن، بەزى ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بالىلارنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ يوشۇرۇن كۆزئەينەك سەپلەپ بېرەيلى. ھەرگىزمۇ بالا ئۆزى بىلگەنچە ناچار كۆزئەينەك سېتىۋېلىپ، چاتاق چىقمىسۇن. ھېلىمۇ ياخشى بۇ قېتىم چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىدى، بولمىسا پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئۈلگۈرگىلى بولمايتتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقاشنىڭ خەتىرىنى بىلەمسىز؟

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يوشۇرۇن كۆزئەينەك تاقايدىغان بولۇپ كەتتى. بازارلاردىمۇ ھەرخىل يوشۇرۇن كۆزئەينەكلەر سېتىلىشقا باشلىدى،