ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى مايلىق گۆش يېسە بولامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-07 15:15

يۇقىرى قان بېسىمى راستتىنلا مايلىق گۆش يېسە بولمامدۇ؟

جاۋابى: شۇنداق، مايلىق گۆش يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى مايلىق گۆش يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى مايلىق گۆش تەركىبىدە ياغ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ياغ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، قاندىكى ياغ ماددىسى زىيادە يىغىلىپ قېلىپ، قاندىكى ماينى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئاسانلا قان تومۇر قېتىشىش ياكى قان تومۇر تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر مايلىق گۆشنى كۆپ يېسە قاندىكى ماي ئۆرلەپ كېتىپ، قان ئايلىنىشنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل گۆشنى يېسە بولمايدۇ، ۋە ياكى ناھايىتى ئاز يېيىش كېرەك.

1. تۇزلانغان گۆش.

2. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش.

3. كاۋاپ، مايدا پىشۇرۇلغان گۆش.

يۇقىرى قان بېسىم بولسا بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر بىمار ھەر كۈنى قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ۋاقتىدا، مىقدارى بويىچە ئىستېمال قىلسا، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى كونترول قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، مۇقىم كەيپىيات ۋە قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات ۋاقتىنى ساقلىسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى مايلىق گۆش يېسە بولامدۇ؟

يۇقىرى قان بېسىمى راستتىنلا مايلىق گۆش يېسە بولمامدۇ؟