ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىمون سۈيى تەڭشەشتىكى ئۈچ چوڭ خاتالىقىنى بىلىۋېلىڭ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-07 15:21

ياز كەلدى، بۇ مېۋە-چېۋىلەر مول بولىدىغان پەسىل، نۇرغۇن ئاياللار بۇ پەسىلدە ئورۇقلاش ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنى كۆپرەك ئويلىشىدۇ، كۆپچىلىككە مەلۇم، لىمون ئوزۇقلۇق قىممىتى مول مېۋە، گەرچە ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ناھايىتى ياخشى ھۆسن تۈزەش ۋە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. لىموننىڭ تەركىبىدە مول بولغان لىمون كىسلاتاسى، ۋىتامىن C، كالتسىي، ماگنىي، فوسفور قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، ئۇنى سۇغا چىلاپ ئىچسە، ناھايىتى ياخشى ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى كىشىلەر لىمون سۈيى دەملەپ ئىچىشتە ناھايىتى ئاسانلا بۇ ئۈچ چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلىپ، لىمون سۈيىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



1. لىموننى قايناق سۇدا دەملەش
لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇپ، تېرىدە داغ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تىزگىنلەپلا قالماستىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېرىنى ئاقارتىش، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش رولىمۇ بار بولۇپ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر لىمون سۈيىنى دەملىگەندە، ناھايىتى ئاسانلا بۇ بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قايناق سۇ بىلەن دەملەش، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سۇ بىلەن دەملىگەندە، ئاسانلا ۋىتامىن Cنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى بۇزغۇنچىلىقققا ئۇچرايدۇ، كۆپچىلىك 60 گىرادۇس ئەتراپىدا ئىلمان قايناق سۇ بىلەن لىمون سۈيى دەملىسە، لىموننىڭ كىسلاتالىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، يەنە ۋىتامىن Cنىڭ ئېقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.



2. لىموننىڭ پوستىنى سويۇۋېتىش
بەزى كىشىلەر لىموندىكى چۈچۈمەل تەمدىن قورقىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئورۇقلىتىپ، ماينى يوقىتىشتەك ياخشى ئۈنۈمىنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا پوستىنى سويۇۋېتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا لىموندىكى چۈچۈمەل تەمنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل تېخىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. لىمون پوستى تەركىبىدە مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، ئەگەر پوستىنى سويىۋەتكەندە ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.


3. كۈندۈزى ئىچسە قارىداپ كېتىدۇ.
لىموننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئاياللار دائىم ئىچىپ بەرسە، ئاقارتىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، لېكىن توردا نۇرغۇن كىشىلەر لىمون سۈيى پەقەت كەچتىلا ئىچىشكە ماس كېلىدۇ، كۈندۈزى ئىچىپ بەرسە ئىچكەنسېرى قارىداپ كېتىدۇ دەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن C نۇر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن پارچىلىنىپ كېتىدۇ، بۇ خىل قاراش راستتىنلا توغرىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە كۈندۈزى لىمون سۈيى ئىچسىمۇ قارىداپ كەتمەيدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىمون سۈيى تەڭشەشتىكى ئۈچ چوڭ خاتالىقىنى بىلىۋېلىڭ

ياز كەلدى، بۇ مېۋە-چېۋىلەر مول بولىدىغان پەسىل، نۇرغۇن ئاياللار بۇ پەسىلدە ئورۇقلاش ۋە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنى كۆپرەك ئويلىشىدۇ، كۆپچىلىككە مەلۇم، لىمون ئوزۇقلۇق قىممىتى مول مېۋە، گەرچە ئۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ناھايىتى ياخشى ھۆسن تۈزەش ۋە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.