ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىسسىقىدا يېيىش» قانچىلىك ئىسسىقنى كۆرسىتىدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-07 16:40

نورمال ئەھۋالدا ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تېمپىراتۇرىسى كۆپىنچە ℃36.5~℃37.2 بولىدۇ، شۇڭا تاماق يېيىشكە ماس كېلىدىغان تېمپىراتۇرا ℃10~℃40، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃50~℃60 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ تېمپىراتۇرىدىن ئېشىپ كەتسە قىززىق بولىدۇ. ئۇنداقتا ئادەم دائىم قىززىق تاماقلارنى يېگەندە، قانداق خەتەرلەر كېلىپ چىقىدۇ؟

 


1. ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

يېمەكلىك ئەڭ ئاۋۋال ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ۋە چىش بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئەگەر يېمەكلىك بەك قىززىق بولسا، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى كۆيۈپ يارىلىنىدۇ. گەرچە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم كۆيۈپ قالسا، ئاسانلا يارا پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق قايتا-قايتا تەكرارلانسا، يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

2. تەم سەزگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

نۇرغۇن قىززىق يېمەكلىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر تەمى كۈچلۈكرەك تاماقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار. دائىم قىززىق تاماق يېگەندە تەم سەزگۈسى غىدىقلىنىپ، تەم سەزگۈسى ئاجىزلىشىپ، تەمىنى بارغانسېرى تېتىيالماس قىلىپ قويىدۇ. تەمى ئېغىر بولۇش بىرخىل ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئەمەس، ئۇ ئادەمنى تېخىمۇ كۆپ تۇز قوبۇل قىلدۇرۇپ، قان بېسىمى ۋە قان شېكىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنى ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ.

3. ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئاشقازان ئاساسلىق ھەزىم قىلىش ئەزاسى بولۇپ، ئەگەر دائىم ئالاھىدە قىززىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرسە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان شىللىق پەردىسى تەكرار زەخىملىنىپ، ئاسانلا ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. قىزىلئۆڭگەچنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى شىللىق پەردىنىڭ خىزمىتى سىزنىڭ ئەزالىرىڭىزنى قوغداش بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بەك قىززىق يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقىدىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرگەندە، شىللىق پەردىلەر كۆيۈپ يارىلىنىدۇ. بەختكە يارىشا شىللىق پەردە ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، كۆيۈپ ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر بولسا تەبئىي ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ. يېڭى ھۈجەيرىلەر يەنە داۋاملىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن سىزمۇ قىزىلئۆڭگەچنى ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كېلىدىكەنغۇ دەپ داۋاملىق ئېغىزىڭىزنى كۆيدۈرگىدەك يېمەكلىك يېمەڭ. قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، شىللىق پەردىدە نۇرغۇنلىغان بىنورمال ئۆسكەن قېلىن ھۈجەيرىلەر پەيدا بولىدۇ. بۇنداق نەرسىلەر قىزىلئۆڭگەچنى توسۇۋالسا، نەرسىلەرنى يۇتقاندا راھەت ھېس قىلمايسىز ھەقىچان! ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر ئۇززاق مۇددەت تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە، تۇزلىغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېسە، ھەرىكەت قىلمىسا، تاماقنى ئالدىراپلا يەپ، قاتتىق-قۇرۇق پېتى يۇتسا «قىزىلئۆڭگەچ راكى» قوشۇنىغا قەدەم قويۇش مۇمكىن.


يۇقىرىقى زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېمەكلىكلەر قانچە گرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؟

قازاندىن ئەمدىلا چىققا يېمەكلىك 100 گىرادۇس ئەتىراپىدا بولۇپ، بەش مىنۇت قويۇپ قويۇلسا ئاران 80 گىرادۇس بولىدۇ. بۇ كۇپايە قىلمايدۇ. يەنىلا ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسى ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىكنى 60 گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتكە كەلگەندە ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ئىسسىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يېمەسلىك، تاماق يېگەندە چوقۇم سەۋرچان بولۇش، قىززىق ھالەتتە يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر قىززىق يېسە يۇقىرىقى زىيانلاردىن باشقا ، ئېغىر بولغاندا راك پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا كۆپچىلىك ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، تاماق يېيىشنى سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىسسىقىدا يېيىش» قانچىلىك ئىسسىقنى كۆرسىتىدۇ؟

نورمال ئەھۋالدا ئېغىز بوشلۇقى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تېمپىراتۇرىسى كۆپىنچە ℃36.5~℃37.2 بولىدۇ، شۇڭا تاماق يېيىشكە ماس كېلىدىغان تېمپىراتۇرا ℃10~℃40، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃50~℃60 ئەتراپىدا بولىدۇ.