چاچنى چۈشۈرۈۋەتسە، باش كېپەكلىشىشتەك باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟
چاچنى چۈشۈرۈۋەتسە، باش كېپەكلىشىشتەك باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟
پەقەت باش تېرىسى بولسىلا، باش تېرىسى مېتابولىزم مەھسۇلاتى بولىدۇ. شۇڭا چاچنى چۈشۈرۋەتسىمۇ باش كېپەكلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەندە، چاچنىڭ قوغداش رولى بولمايدۇ، ھەددىدىن زىيادە ئاپتاپقا قاقلىنىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى باش تېرىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
باش كېپىكى ئادەم بەدىنىنىڭ باش قىسىمىدىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى مېتابولىزمىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ئادەم بەدىنىدىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ مۈڭگۈزلىشىش جەريانى بولۇپ، نورمال ھادىسىدۇر. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا باش كېپىكىنى كۆرگىلى بولماسلىقتىكى سەۋەب، نورمال باش كېپىكىنىڭ ئۆلچىمى 0.02mm دىن كىچىك بولۇپ، كۆز بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان دانچە ماددىنىڭ ئۆلچىمىدىن كىچىك بولىدۇ.
باش كېپەكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ئاز ئەمەس، بېسىم زىيادە چوڭ بولۇش، دەم ئېلىش قانۇنىيەتسىز بولۇش، چاچ يۇيغاندا سۇ بەك ئىسسىق بولۇش، ئۇنىڭدىن باشقا چاچ ئاسراش بۇيۇملىرى تەركىبىدە غىدىقلىغۇچى خىمىيەلىك ماددىلار بولۇپ، باش تېرىسى قىزىرىش، قىچىشىش، ئاغرىش، قىسمەن ئوزۇن ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بۇ چاغدا باش قىسىمىدىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىنىڭ مېتابولىزمىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرە ياغ بېزىنىڭ ياغ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەھۋالىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ (ئادەتتە ياغ ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۆپىيىدۇ)، كۆپ مىقداردىكى ماي تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ، باش تېرىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلار كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، تېرە ياغ پەردىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇ باش تېرىسىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ۋە زەخىملەندۈرۈپ، كۆپ مىقداردىكى باش كېپىكىنى ھاسىل قىلىدۇ.