ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

45 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر قايسى خىل ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاش كېرەك؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-01 10:20

45 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئوزۇقلۇق ئەڭ مۇھىم. بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق 45 ياشتىن يۇقىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوقۇم ۋاقتىدا تولۇقلىنىشى كېرەك.



1. كالتسىي ۋە ۋىتامىن D

45 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كالتسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ئادەتتە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان كالتسىي مىقدارى 1000 مىللىگىرامدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، ۋىتامىن Dنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىمۇ 800-1000 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، ئەگەر سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى بولسا، ئۇلارنىڭ ۋىتامىن D ۋە كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.



2. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار

ۋىتامىن بەدىنىمىزدىكى كۈندىلىك زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا ۋىتامىن C ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ئەڭ مۇھىم. بۇ ئىككى خىل ۋىتامىنلار ئەمەلىيەتتە سۇدا ئېرىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ۋىتامىنلاردۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىتامىن C بەدىنىمىزنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ساقلاش، تېرىمىزدىكى كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى قوغداش ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ، ئۇ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ۋە ساقلايدىغان مۇھىم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرى. B تۈردىكى ۋىتامىنلارمۇ ۋىتامىنلارنىڭ بىر چوڭ تۈرى بولۇپ، بۇ تۈردىكى ۋىتامىنلار تېرە شىللىق پەردىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ساقلاش ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا 45 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئادەتتىكى كۈنلەردىمۇ سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.



3. يېمەكلىك تالاسى

ھەممىمىزگە مەلۇم، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمۇ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇرمۇشتا ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. يېمەكلىك تالاسى بەدەننىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق بولغان ئەڭ ياخشى تاللاش، شۇڭا 45 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تۇرمۇشتا تاماققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

45 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر قايسى خىل ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاش كېرەك؟

45 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئوزۇقلۇق ئەڭ مۇھىم. بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق 45 ياشتىن يۇقىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوقۇم ۋاقتىدا تولۇقلىنىشى كېرەك.