ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۈز چاپلاقنى كۈندە چاپلاش كېرەكمۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-01 16:50

يۈز چاپلىقىدىكى سۇ پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنىڭ سۇ تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ چوڭقۇر قەۋىتىگە كىرەلمەيدۇ. مېدىتسىنادا يۈز چاپلىقىنىڭ ماھىيىتى سوغۇق، ھۆل بولۇپ، ئۇ قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ياخشىلاش، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش، قىزىرىش قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرىنى يېنىكلىتىش رولىغا ئىگە، ئاساسلىقى ئاپتاپتىن ساقلىنىش، بەزى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ياكى تېرە جىددىي ياللۇغلانغاندا ئىشلىتىلىدۇ.

نورمال تېرىگە يۈز چاپلىقىنى بەك كۆپ ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر يۈز چاپلىقىنى بەك كۆپ ئىشلەتسەك، مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتنى زىيادە سۇ بىلەن بىرىكتۈرۈپ، تېرىنىڭ توسۇقىنى بۇزۇپ، تېرىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تېرىدە ئاسانلا باشقا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۈز چاپلىقىنى بىر ھەپتىدە 1-2 قېتىم چاپلىسىلا بولىدۇ، يۈز چاپلىقىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال نەملىك ساقلاش مەلھىمى سۈركەپ، نەملىك ساقلاش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有