ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈز ۋە قىشتا ئاپېلسىن يېسە راستتىنلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-02 15:09

 

كۈز، قىش پەسىللىرىدە ئاپېلسىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل مېۋە بولۇپ قالىدۇ. ئاپېلسىن تاتلىق ھەم تەملىك بولۇپ، يەنە سۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ئۇ چوڭ-كىچىك، قېرى-ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان مېۋە. ئاپېلسىن يېگەندە، ياشانغانلار دائىم ئاپېلسىننى ئاز يېيىش كېرەك دەيدۇ، چۈنكى ئاپېلسىننى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا ئاپېلسىننى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟

ئاپېلسىننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئاپېلسىننى يېسە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئاپېلسىننى بەك كۆپ يەۋەتكەنلىكىدە ئىكەنلىكىنى بايقالغان. چۈنكى مېۋە تاتلىق، ئۇنىڭ تەركىبىدە شېكەر بار، يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تىلغا ئېلىنغان مېۋە شېكىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئېغىز بوشلۇقى قۇرغاقلىشىپ، ئادەم ئۇسسىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك ئۆزىنى ئاپېلسىن يەپ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاپېلسىننى مۇۋاپىق يېگەندە ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدىكەن، لېكىن ئاپېلسىننى كۆپ يېگەندىن كېيىن، ئېغىز قۇرىدۇ، سۇ ئىچكۈمىز كېلىدۇ، ئۇنداقتا ھەر كۈنى قانچە دانە ئاپېلسىن يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئاپېلسىننىڭ كۈز، قىش پەسىللىرىدە باھاسى ئانچە قىممەت ئەمەس، ئاپېلسىن سېتىۋالغاندا، بەزىدە دىققەت قىلمايلا، كۆپ سېتىۋالىمىز، بەزى دوستلار چۈچۈمەل تاتلىق ئاپېلسىننى ياخشى كۆرگەچكە، ئۆزى يالغۇز 3-2 جىڭ يېيەلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا دىققەت قىلىش كېرەك، بەك كۆپ يەۋەتسە، ئېغىز بوشلۇقى بىلەن چىشنىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ قۇرغاقلاشقانلىقىنى، چىشىنىڭ ئاچچىق-يۇمشاقلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئاپېلسىننى بىر قېتىمدا كۆپ يېمەسلىك، كۈندە ئۈچتىن تۆتكىچە يېگەن ياخشى.

كۈز ۋە قىشتا ئاپېلسىن يېگەندە سۇ تولۇقلىغاندىن باشقا، يەنە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپېلسىننىڭ ئىچىدە يەنە ئىنتايىن مول بولغان ۋىتامىن C بار. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئاپېلسىن يەپ بەرسە بەدەنگە ناھايىتى پايدىلىق، لېكىن ئاپېلسىن يېيىشلىك، ھەرگىز كۆپ يېمەڭ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۈز ۋە قىشتا ئاپېلسىن يېسە راستتىنلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟

كۈز، قىش پەسىللىرىدە ئاپېلسىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل مېۋە بولۇپ قالىدۇ.