ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىپ قالغاندا سۈت ئىچسە بولامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-02 16:00

قىزىتما ئادەتتىكى كېسەللىك بولسىمۇ، خەتىرى بار، ئەگەر ئەھمىيەت بەرمىسە، مېڭە زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا قىزىپ قالغاندا دىققەت قىلىش كېرەك، داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەك-ئىچمەككىمۇ دىققەت قىلىش لازىم، قىزىپ قالغاندا قانداق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، قانداق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك؟

قىزىپ قالغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىمىز بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بەدىنىمىزدىن نۇرغۇن سۇ چىقىپ كېتىدۇ، ھەتتا سۇسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا قىزىغاندا تېخىمۇ كۆپ سۇ تولۇقلاش كېرەك، قايناق سۇ ئىچىش بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇل، سۈتمۇ ياخشى سۇ تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بەزى بىمارلار سۈت ئىچىپ بولغاندىن كېيىن قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە بىر تۈردىكىلەر ئىسسىق كۈنلەردە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، سۈت ئىچكەندىن كېيىن قورسىقى كۆپۈپ بىئارام بولىدۇ، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر سۈت ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

نۇرغۇن كىشىلەر قىزىتمىغا ئوكۇل ئۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىتما مەزگىلىدە ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، ھەتتا بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە يېمەك-ئىچمەكمۇ ئىنتايىن مۇھىم، يېمەك-ئىچمەككە كۆپرەك دىققەت قىلغاندا، بىمارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىشىگە ياخشى ياردەم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا قىزىتما مەزگىلىدە قانداق يېمەك-ئىچمەك قائىدىسى بار؟

1. ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن ھەزەر ئەيلەش، قىزىتما مەزگىلدە ئەڭ ياخشىسى ئىسسىقىنى ئاشۇرىۋېتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن پالەك، ئالما، تاۋۇز، نەشپۈت قاتارلىقلار، بۇ ۋاقىتتا پەقەت قىزىتمىنى قايتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قىزىتمىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.



2. قىزىتما مەزگىلدە ئاچچىق، مايسىز تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تۆت خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇتۇش كېرەك،

(1) سوغۇق ئىچىملىك: بەزى قىزىپ قىلىشنى ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سوغۇق ئىچىملىكلەر كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

(2) چاينى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك: قىزىتما بىمارىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولىدۇ، چاي چوڭ مېڭىنى روھلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ، تومۇرنىڭ سوقۇشىمۇ تېزلىشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، ھەتتا ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، شۇنداقلا چاي يەنە پارچىلىنىپ، دورىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.

(3) تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(4) ھەسەل ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ: گەرچە ھەسەلنىڭ ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلاش رولى بولسىمۇ، ھەسەلنى كۆپ ئىچكەندە بەدەندە ئىچكى قىزىتما پەيدا بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىزىپ قالغاندا سۈت ئىچسە بولامدۇ؟

قىزىتما ئادەتتىكى كېسەللىك بولسىمۇ، خەتىرى بار، ئەگەر ئەھمىيەت بەرمىسە، مېڭە زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.