ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇمغاقسۈتنىڭ باشقا كۆكتاتلاردا يوق ئالتە چوڭ ئۈنۈمى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 09:15

يۇمغاقسۈتنىڭ باشقا كۆكتاتلاردا يوق ئالتە چوڭ ئۈنۈمى بار، بۇنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يۇمغاقسۈتكە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايسىز.

1. شامالدارىشتىن بولغان زۇكامنى داۋالاش

تېمپېراتۇرا ئۆزگەرگەندە ئاسانلا شامالداپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ، پوتلىسى ئاقىدۇ، چۈشكۈرىدۇ، بەك بىئارام بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇمغاقسۈت ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ماتېرىيالى بولۇپ، كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىپلا قالماستىن، زۇكامغا ناھايىتى پايدىلىق.

2. كۆڭلى ئېلىشىشنى داۋالاش

كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسقاندا، مۇۋاپىق مىقداردا يۇمغاقسۈتنى ئېزىپ بىر قوشۇق شەربەت ئېلىپ، ئىككى قوشۇق شېكەر قومۇشى شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

3. سوغۇقنى ھەيدەش

يۇمغاقسۈتنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئازراق يۇمغاقسۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى ۋە ئاشقازاننى ئىللىتىپ، ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بولۇپمۇ قىش كەلگەندە پۇت-قوللار مۇزلاپ كېتىدۇ، شۇڭا بەدەننى كۆپرەك ئىسسىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.



4. ئىشتىھانى ياخشىلاش

يۇمغاقسۈت تەركىبىدە ماننىتول، كامفورا ئالكوھولى قاتارلىق كۆپ خىل مايلار مول بولۇپ، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

5. يۈرەك قان تومۇرىنى قوغداش

يۇمغاقسۈتتە ۋىتامىن C ۋە كالىي مول بولۇپ، قان تومۇرلارنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ.

6. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش

يۇمغاقسۈت تەركىبىدە كاروتىن مول بولۇپ، كۆز، نەپەس يولى، سۈيدۈك ئاجرىتىش يولى ۋە ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرىدۇ.



شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇمغاقسۈت يىلتىزىمۇ بىر گۆھەر بولۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، كىچىك بالىلاردا تال ۋە ئاشقازان كەلتۈرۈپ چىقارغان قىززىتمىغا يۇمغاقسۈت سۈيىنى ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر يۇمغاقسۈت يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن جۇڭيى تېبابىتىدە يۇمغاقسۈت يېمەكلىك ماتېرىيالى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەنگە ئەڭ پايدىلىق دورا ماتېرىيالى دېيىلگەن. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇن ئادەتتىكى قورۇمىلارغا يۇمغاقسۈت ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى تەڭشىسەك بولىدۇ. يۇمغاقسۈتنى ئايرىم قورۇما قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇمغاقسۈتنىڭ باشقا كۆكتاتلاردا يوق ئالتە چوڭ ئۈنۈمى

يۇمغاقسۈتنىڭ باشقا كۆكتاتلاردا يوق ئالتە چوڭ ئۈنۈمى بار، بۇنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، يۇمغاقسۈتكە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايسىز.