ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر كېچە تۇرۇپ قالغان لىمون سۈيىنى يەنە ئىچكىلى بولامدۇ؟

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 09:24

ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئېچسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەم تېرە ئاقارتىش، ھەم ئۈچەينى سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا بەزىلەر لىمون سۈيى ئىچسە ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ دەيدۇ، بۇنىڭ پاكىت ئاساسى بار. ئۇنداقتا لىموننى بىر ئاخشام چىلاپ قويۇپ ئىككىنچى كۈنى ئىچسە بولامدۇ؟

بىر ئاخشام تۇرۇپ قالغان لىمون سۈيىنى ئىچمەڭ. چۈنكى بىر كېچە تۇرۇپ قالغان لىمون سۈيىنى ئىچكەندە، بىرىنچىدىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ، ئىككىنچىدىن، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىغا ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەزىدە ئىچى سۈرۈش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لىمون سۈيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن c بار بولۇپ، ئاسانلا ھاۋادا ئوكسىدلىنىپ، باشقا ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا لىمون سۈيى تەركىبىدە لىمون كىسلاتاسى بار بولۇپ، ھاۋا بىلەن رېئاكسىيەلەشكەندىن كېيىن ئاسانلا چۆكمە ھاسىل بولىدۇ.

لىمون سۈيىگە بىر قېتىمدا قانچىلىك لىمون سالىدۇ؟

ئادەتتە 1-2 تال سالسا بولىدۇ. لىموننى سۇغا چىلىغاندا چوقۇم قانچە پارچە لىموننى سېلىش بەلگىلەنگەن ئەمەس، ئادەتتە 500 مىللىلېتىر سۇغا 2-1 پارچە لىموننى سالساق ياخشى بولىدۇ، ئەگەر تېخىمۇ چۈچۈمەلرەك تەمگە ئامراق بولسا، مۇۋاپىق مىقداردا لىموننىڭ سانىنى كۆپەيتسە بولىدۇ، لېكىن بەك چۈچۈمەل بولۇپ كەتسە، ئاشقازانغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولۇشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر كېچە تۇرۇپ قالغان لىمون سۈيىنى يەنە ئىچكىلى بولامدۇ؟

لىمون سۈيىگە بىر قېتىمدا قانچىلىك لىمون سالىدۇ؟